چوڭ تىپتىكى 50 يۈرۈش قار-مۇز ئويمىسى باغراش كۆلىدە چاقنىدى

日期:2020年01月13日
来源:天山网
【字体:

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا،باش تېمىسى روشەن، شەكلى جانلىق قاتار-قاتارمۇز ئويمىلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجادىيلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، كۆلىمى زور مۇز ئويما تۈرلىرى ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ باغراش ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىنىڭ قار-مۇز بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى، غەربىي رايون ساياھىتىمەدەنىيىتىقاتارلىق ئامىللارنى چۆرىدەپ، 100 نەپەر ئويمىچى ئۇستامنىڭ كۆڭۈل قويۇشى بىلەن 50كە يېقىن چوڭ تىپتىكى قار-مۇز ئويمىسى1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكىباغراش ناھىيەسى 12-نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەييارلاندى.

ئۇنىڭدىن باشقا، قارمۇ-مۇز چۆچەكلەر دۇنياسى ئاساسىتېما رايونى تەسىس قىلىنىپ، بالىلارنىڭ نەزەرى ئارقىلىققا-مۇزدا ئويۇپ ياسالغان نېجا، سۈن ۋۇكۇڭ قاتارلىق شەكىللەردە ئەڭ مودا، بالىلارغا يېقىن، بالىلىق ئەسلىمىسى باي مەزمۇنلارنامايان قىلىندى.

چېڭدۇلۇق ساياھەتچى فېڭ جىفەن مۇنداق دېدى: «باغراش كۆلىگە كېلىپ ھەقىقەتەن توغرا قىپتىمەن، گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن، سىچۇەنگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، بىز نۇرغۇن سۈرەتكە تارتتۇق، دوستلىرىم ھەۋەس قىلىپ، بالىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەرسىلا ئوينىغىلى بارىمىز دېيىشتى».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىدا «شىخەي قار-مۇز بايرىمى. باغراشتا قىشتا بېلىق تۇتۇش» باش تېما قىلىنىپ، «قار-مۇز + تەنتەربىيە »، «قار - مۇز + مىللىي ئۆرپ-ئادەت»، «قار-مۇز + مەدەنىيەت» قاتارلىق چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان قىشلىق ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يولغا قويۇلغان، بۇ پائالىيەت ئىككى ئاي داۋاملىشىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە قار-مۇز تۇيغۇسى، مۇز سېھرىي، مەززىلىك تائام، ئۆزگىچە كۈيقاتارلىق ھەر تەرەپلىمە كاتتا زىياپەتھازىرلىنىپ، قىش پەسلىدىكى مودا، تەسىرلىك، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، رومانتىككاتتا قار-مۇز دۇنياسىنامايان قىلىنىدىكەن.