ئالتاي شەھىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش بەيگە پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

日期:2020年01月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن خەۋىرى، سۈرەتنى ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن): سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنىڭ مەردانىلىقى، چەكسىز خۇشاللىققا تولغان كۈلكە ئاۋازلىرى ئىچىدە، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئات بەيگىسى ئالتاي شەھەرلىك بەيگە مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

پائالىيەت 1-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي باشلانغان،ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت مەزگىلىدە، قىز قۇۋار،ئات ئۈستىدە كۈمۈش تېرىش، ئوغلاق تارتىشىش، كۆمەي، ئاقىنلار ئېيتىشىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نومۇرلار ئورۇندالدى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتايەنە بەش كىلومېتىر، 10 كىلومېتىر، 15 كىلومېتىر ۋە 20 كىلومېتىرلىق ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلدى. بەيگە مەيدانى مەركىزىگە تەسىس قىلىنغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 22 كىگىز ئۆيگە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئۆزگىچە نازۇ-نېمەتلەر لىققىدە تىزىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئالتاي شەھىرىنىڭ قار-مۇز جىلۋىسى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىنتايىن ياخشىجاي بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ساياھەت +» «تەنھەرىكەت+» قاتارلىق خاس ماركىلارنى بەرپا قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2-نۆۋەتلىك گېباۋما گۈل دېڭىزى مەدەنىيەت بايرىمى، جۇڭگو. ئالتاي تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالتۇن، گۆھەر، قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمى، 14-نۆۋەتلىك قىشلىقساياھەت سودا كۆرگەزمىىسى، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو. ئۈچ شىمال ئولىمپىكقار تېيىلىش. ئالتاي ئىنسانلار قار تېيلىشى باشلانغان جاي قەدىمىي ۋە زامانىۋى دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق بايرام، پائالىيەت، مۇسابىقىلەرنىئۆتكۈزدى، 2019-2020-يىللىق قار پەسلىدە يەنە داۋاملىق تۈردە قېيىن ئورمان باغچىسى نۇر كۆرگەزمىسى، قار ئويما مۇسابىقىسى، ئىنسانلارقار تېيىلىشى باشلانغان جاي خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى، يۈەنشىياۋ پانۇس كېچىلىكى ۋە يۈرۈشلۈك قار-مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىئۆتكۈزۈپ، ئالتاينىڭ ساياھەت كەسپىدە ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىئىلگىرى سۈرىدۇ.