قاردىن كېيىنكى ئېرتىش چوڭ جىلغىسى سىياھ رەسىم كەبى تۈسكە كىردى

日期:2019年11月18日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ئېرتىش چوڭ جىلغىسى قېلىن ياغقان قار بىلەن «ئاق لىباس»قا ئورۇنۇپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى. قاردىن كېيىنكى چوڭ جىلغا خۇددى سىياھ رەسىم تۈسىگە كىرگەن ئىدى، ئېقىن سۇ تېخىمۇ سۈزۈلگەن، تىنچ سۇ يۈزى بىر پارچە ئەينەككە ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئاپئاق قار يىراقتىكى تاغنى قاپلىغان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتا ئاپئاق قار بارلىق مەۋجۇداتنى يېڭىچە تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. قامەتلىك قارىغاي دەرەخلىرى يېشىل ۋە ئاق ئارىلاش كۆرۈنەتتى، بىر پۈتۈن دەرەخزار ئاپئاق قارغا پۈركىنىپ، يىراقتىن قارىغاندا «ئاق چېچەكزار»غا ئوخشاپ قالغان ئىدى.