جىمىسار ناھىيەسى دايۇ بازىرى ۋېيخۇگۇ كەنتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

日期:2019年11月04日
来源:天山网
【字体:

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ دايۇ بازىرى ۋېيخۇگۇ كەنتىگە كىرىپ كەلگىنىڭىزدە، ساپ ھاۋاسى كىشىگە ھۇزۇر ئاتا قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېھقانلار ئارامگاھى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ؛ مەدەنىيەت قوروسىدا، ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇسسۇل قەدەملىرىدىن شادلىق مەنالىرى چىقىپ تۇرىدۇ، مەدەنىي پۇراق ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

دايۇ بازىرى ۋېيخۇگۇۋ جىلغىسى ساياھەت رايونىنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ مو بولۇپ، بۇ يەر تىيانشان تېغى تىزمىسىدىكى تەبىئىي ئورمان باغچىسى، مۇھىتى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ، زېمىنى كەڭ، تىپىك تەتۈر مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە. بۇ يەردە يىل بويى قار يېغىپ تۇرىدۇ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، ئارام ئالىدىغان ۋە ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. ۋېيخۇگۇۋ جىلغىسى مەنزىرە رايونى جىمىسار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان دايۇ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىكتە، مەنزىرە رايونىدىكى شەمشاد، تېرەكلەر تاغ ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئورمانلىقتىكى قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرىدۇ، بۇ يەر ئېسىل دالا سەيلىگاھى بولالايدۇ.

بىر ئاسفالت تاشيول ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، قاتنىشى قولايلىق، 30دىن ئارتۇق ئۆزگىچە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىلغان، بۇ يەردە ئۆزگىچە قۇيماق، ساڭزا، پىنتاڭلارنى ئىچكىلى بولىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى ۋېيخۇگۇۋ جىلغىسى مەنزىرە رايونىغا بىر قانچە كۆكتات، مېۋە- چېۋە ئۈزۈش باغچىسى قۇرۇپ، جەنۇبىي تاغلىق رايوننى بويلاپ ئۆزگىچە باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى.

كەنت دېھقانلارنى خاس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈشتىنتارتىپ قۇرۇتئوتتوخۇسى ۋە ئورگانىك قوي بېقىشقا سەپەرۋەر قىلىپ،ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، كەنت يەنە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ۋېيخۇگۇ كەنتىدىكى ئۆزگىچە دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى يېڭىدىن سېلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ،يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش ۋە يورۇتۇش خىزمىتىنى تاماملىدى.