شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىكى توغراقلار ئەڭ ياخشى ھۇزۇرلىنىش پەسلىگە كىردى

日期:2019年11月01日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 23-كۈنى،لوپنۇر كۆلى مەنزىرە رايونىدا توغراقلار بىلەنقۇملۇق بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنىجەلپ قىلدى .


 شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار ئەڭ گۈزەل پەسىلگە كىرىپ نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى .

مۇخبىر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تارىم توغراق باغچىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، باغچىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىل، ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەتراپتىكى مېھمانساراي، دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭزور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى.

قويۇق كۈز تۈسىگە كىرگەنئالتۇنيوپۇرماقلىق توغراقلىق ئارىسىدا، ساياھەتچىلەر چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇراتتىيەنە مەخسۇس فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى كەچكى شەپەق نۇرىدىكى گۈزەل مەنزىرىنىكۈتۈۋاتاتتى.

شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇ توغراقلىقنىڭ كۆلىمى 15 مىليون موغا يېتىدۇ، دەريا - ئېقىنلارنىڭ ئىككى قىرغىقىغا كەڭ تارقالغان بۇ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ئېلىمىزنىڭ بىرىنچى چوڭ قۇملۇقى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ھۇجۇمىدىنتوسۇپ تۇرىدۇ.

«بىز بەش دوست مەخسۇس چۇڭچىڭدىن بۈگۈر ناھىيەسىگە كۈز پەسلىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلدۇق. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىز ئالايىتەن توغراق يوپۇرماقلىرىنىڭ سارغىيىش ۋاقتىنى تەكشۈردۇق، بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ توغراقلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنىئوبدان ھېس قىلىپ باقماقچىمىز» دېدى چۇڭچىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ جۈن.

تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، قۇملۇقنىڭ جەنۇب - شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان تارىم قۇملۇق تاشيولىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. قۇملۇق ۋە توغراقلىقتىن باشقا، ساياھەتچىلەر بۇ تاشيولدا ھەيۋەتلىك تارىم قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ تاشيولمۇمەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە مىڭ يىللىق توغراقلار بىلەن«جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل تاشيول»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.