قاناس مەنزىرە رايونىدا بۇ يىل كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

日期:2019年10月05日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىما جيەنلوڭخەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 3- كۈنىگە قەدەر، قاناس مەنزىرە رايونىدا بۇ يىل ئىچىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەنزىرە رايونىدا 10- ئاينىڭ 4- كۈنى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 106 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32 ئاشقان؛ بۇ يىلدىن بۇيان، قاناس مەنزىرە رايونىدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 10 مىليون 2100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، قاناستا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 6 مىليون 129 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشقان؛ قۇمدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 425 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61 ئاشقان؛ دۆڭچىلىك بېكىتىدە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 351 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشقان؛ تېرەكتىدە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 114 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشقان.

قاناس مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى. «توردا ئالقىشلانغان» مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاناس مەنزىرە رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ۋە مال باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتى ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: مۇقىملىق پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەنزىرە رايونى ھەر يىلى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا «كۆرسەتكۈچ شەكلىدە ئېشىش» بارلىققا كەلدى.