شىنجاڭ، سەن نېمانچە گۈزەل!

日期:2019年09月19日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا بولۇپ، زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل يۇرت ـ ماكان قۇرۇپ چىقتى.

تىيانشان تاغ تىزمىسى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، « ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق»تىن ئىبارەت يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى شىنجاڭنى ئاجايىپ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە قىلغان. ئېگىزلىكتىكى كۆل تىيانشان بوغدا كۆلى، «گۈزەل ماكان» قاناس، «بوشلۇقتىكى يايلاق» نارات، يەر شەكلى مەنزىرىسى ئۆزگىچە كۆكتوقاي، چەكسىز كەتكەن قۇملۇق، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ، گۈزەل يايلاق بىر-بىرىگە رەڭ بېرىپ،كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

«ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ»لۇق ئالتاي ۋىلايىتىدىن «تاغلار ئەجدادى» بولغان ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تېغىغىچە، «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىدىن، «چېگرا بوستانلىقى» ئىلى دەريا ۋادىسىغىچە... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقكەڭ تاغ-دەريالاردىكى ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىملەرنى ئورتاق سىزدى.

9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى «شىنجاڭ كۈنى» پائالىيىتىئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىشىنجاڭ باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىشىنجاڭ باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

  ئېكولوگىيە سۈيى شىنجاڭ تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى دەريا يولىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلىقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تەكلىماكان بىلەن قۇمتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ تۇتىشىشىنى توستى. (2017-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شياۋ يۈلېي فوتوسى

  شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى چارۋا يولىدا كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلانغان چارۋىلار (6-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). دېڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونى مەنزىرىسى (1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). جاۋ گې فوتوسى

  تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن شىنجاڭ قاناستىكى قۇمقاناس كەنتى (2018-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). جاۋ گې فوتوسى

 شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولىغا بوشلۇقتىن نەزەر (2018-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). جاۋ گې فوتوسى

 شىنجاڭ قەشقەرقەدىمىي شەھىرىگە بوشلۇقتىن نەزەر (2017-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). جياڭ ۋېنياۋفوتوسى

  شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسىنىڭ كېچە مەنزىرىسى (8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  شىنجاڭ بايىنبۇلاق يايلىقىدا سۈرەتكە تارتىلغان يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى مەنزىرىسى (2018-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  شىنجاڭ نارات مەنزىرە رايونى قارلىق تاغ ئېتىكىدە ھۈپپىدە ئېچىلغان ياۋا گۈلسامساق (4-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). سادات فوتوسى

  شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۆكتوقاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (1-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). سادات فوتوسى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى شىنجاڭ جامبۇلاقتىكى بۇغدايلىق(2017-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغمەن سۇلۇق يېرى مەنزىرىسى (6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى توردىن سېتىۋالغان تاۋارلارنى شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسى چاغانغول يېزىسى ساربۇلاق كەنتىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىغا يەتكۈزمەكتە (2018-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى

   ئالتۇن تاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ بىر چېتى (4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسى تۈرگېن يېزىسى ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (2017-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). جاۋ گې فوتوسى

  بىر پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىكى بەيياڭگۇ جىلغىسىدا دالا سەيلىسى قىلماقتا (2018-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى