يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈلدى

شىنجاڭ ساياھىتىدە «ئادەم، بايلىق» تەڭ جانلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

日期:2019年09月18日
来源:天山网
【字体:

«بۇ يىل - ئايدىن 8- ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 18 مىليون 808 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.62 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 14 مىليارد 901 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.19 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 8- ئايدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 665 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.64 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 3 مىليارد 837 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.54 ئاشتى» دېدى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇەن شۆپىڭ تونۇشتۇرۇپ.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلدى، كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر سانى، ساياھەت كىرىمىدە قوش ئېشىش كۆرۈلدى.

بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى جەمئىي 149 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.91 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 242 مىليارد 913 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.28 ئاشتى، 1- ئايدىن 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ھەر ئايدا ساياھەت كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشتەك ئەھۋال كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 5- ئايدا ئالتە پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپرەك يۇقىرى بولدى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىمۇ بۇ ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى.

مەسىلەن، بايىنغولىن ئوبلاستىدا، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچى كۆپىيىش، قونىدىغان ساياھەتچى كۆپىيىش بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھەت كىرىمىنىڭ زور نىسبەتتە ئېشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. «بىز <خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى − 2019> قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت بايلىقى ھەم مىللىي خاسلىقى يۇغۇرۇلغان <ھەربىي ئىشلار ساياھىتى> <قىزىل مەدەنىيەت ساياھىتى> <تەتقىقات، ئۆگىنىش ساياھىتى> قاتارلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، سىرتتىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدۇق» دېدى دۇەن شۆپىڭ. يېزا - كەنت ساياھىتى سىجىل جانلاندى، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ قەد كۆتۈرۈشىمۇ ساياھەت تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، شۇ ئارقىلىق ساياھەت ئىستېمالىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

ھەرقايسى رايونلارنىڭ مول، رەڭدار مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان، ساياھەت كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم سەۋەبكە ئايلاندى، بولۇپمۇ قىسمەن ساياھەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى. مەسىلەن، بۇ يىل 8- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو . ئالتاي تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالتۇن، گۆھەر، قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمىدا، سەككىز كۈندە قاتناشقان ئومۇمىي ئادەم سانى 360 مىڭ 600 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي كىرىم 270 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى رايونلار كونا داڭلىق ساياھەت تاۋارلىرى، ئۆزگىچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، مول يەرلىك خاسلىققا ئىگە، خاس سۈپەتلىك ماركىغا ئىگە، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن داڭلىق ساياھەت تاۋارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ساياھەت كىرىمىنى ئاشۇردى. «بۇ يىل، ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۆگە سۈتى، ئالتاي ئېتى، مۇزلۇق كالىسى، چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي، سېرىق ئالتۇن، گۆھەر، جىغان مېۋىسىنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلەر ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغان بىر تۈركۈم <ئالتاي سوۋغىتى>نى تەييارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىنى ئېچىپ، ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى، ئۇلۇنگۇر كۆلى سوغۇق سۇ بېلىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى توردا ساتتى، شۇنداقلا يېڭىدىن 22 دۇكان قۇرۇپ، ئەمەلىي دۇكان بىلەن توردا سېتىش تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان <ئالتاي سوۋغىتى> ماركېتىڭ تورىنى شەكىللەندۈردى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ جۈنئەن تونۇشتۇرۇپ.