شىنجاڭ گۇاڭجوۋدا تۇنجى مەيدان كۈزلۈك-قىشلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2019年09月03日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەشكىللىگەن شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتى (گۇاڭجوۋ) تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئىككى جايدىن كەلگەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى، مەدەنىيەت ساياھەت كارخانىلىرى، ساياھەت كەسپى جەمئىيىتىدىكى 400دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كۈزلۈك-قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى بەس-بەستە تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر شۇ جايدىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى تونۇشتۇردى ھەمدەئېسىل ساياھەت لېنىيەلىرىنى تەۋسىيە قىلدى، ئېتىبارلىق ساياھەت سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلدى.

شىنجاڭنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى يەنە گۇاڭجوۋ، شېنجېننىڭ ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، سېتىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ساياھەت بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش، ساياھەتچىلەر مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، داڭلىق ماركىلارنى ئورتاق بەرپا قىلىش، لىنىيەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ساياھەت ماركىسىنى تېخىمۇ ياخشى ياڭرىتىدۇ .