«جەلپكار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى»

日期:2019年09月02日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10:00دا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئىشىكى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، لېكىن ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەر سىرتىدا مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.

كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەنيۈننەنلىك ساياھەتچى ليۇ روڭروڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە نىسبەتەن مەندە بىر خىلتونۇش تۇيغۇ بار، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە شۇنچە جەلپ قىلارلىق» دېدى.

10:30 ئۆتكەندە، كاناي چىلىنىپ،«دوستۇم نەدىن كەلدىڭىز» دېگەن جاراڭلىق ھال سوراش سۆزىگە ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەھەر باشلاش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، شۇ چاغدا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ساياھەتچىلەر ئارتىسلار بىلەن بىرگە ئۇسسۇل ئويناپ، بىرگە سۈرەتكە چۈشتى...

«قەدىمىي شەھەرنىڭ شەھەر باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن، ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتىمەن.» ئارتىسلار بىلەن پائالىيەت قىلغان جىلىنلىك ساياھەتچى گې جۈنشيا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ۋاقىتىم بولسا مەن يەنە قەشقەرگە ساياھەت قىلغىلى كېلىمەن، مەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى سۆيىمەن».

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىرلىق ئوردا شەكىللىك كوچا بار؛ قاشتېشى بازىرى، باش كېيىم بازىرى، ئاسار ئەتىقە بازىرى قاتارلىقلار بار؛نەچچە يۈز يىللىق چايخانا بار؛ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ۋارىسلىق قىلغان قول-ھۈنەر چالغۇ دۇكىنى؛ مىس بۇيۇمى دۇكىنى بار؛ ھازىرقى زامان پۇرىقىغا ئىگە كاۋاپخانا، غەربچە تاماقخانا، پەردازخانا ۋە ساتىراشخانا بار. ئەنئەنە بىلەنمودا بۇ يەرگە مۇجەسسەملىشىپ، قەدىمىيلىك بىلەن ھازىرقى زامان بۇ يەردە تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا.

ئۇزاق تارىخ ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەۋر بىلەن جىپسىلاشقاندىلا كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيدۇ. قەدىمىي شەھەردە خاتىرجەمتىرىكچىلىك قىلىدىغان ئاھالىلەر، ساياھەتچىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ ھەمدە ساياھەتچىلەرگە تۇرمۇش، سودا قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدۇ.

«بۇ يەردىكى ئاھالىلىكلەر ئىنتايىن قىزغىن، مەيلى يول سوراڭ ياكى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىڭ، پۇتۇڭخۇانى بەك ياخشى سۆزلىيەلمىسىمۇ، ئۇلا سىزگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ» دېدى چۇڭچىڭلىك ساياھەتچى خوۋ شىڭليەن.

«قەشقەردەكئاۋات جاينىڭ بۇنداقجىمجىت يەرلىرى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن،بۇ يەردە بىر چۈشتىن كېيىن جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئىنتايىن راھەتلەندىم» دېدى قەشقەر چايخانىسى ئالدىدا ئولتۇرغان ياپونىيەلىكساياھەتچى سۇڭشيا جىخوڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشقان.

«قەشقەرگە بارمىسا، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ؛ كېچىلىكمەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماسلىق، پۈتۈنلەي يېپيېڭى قەشقەرنى كۆرگەنلىك ھېسابلانمايدۇ.» يېنىك دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، كۈندۈزدىكى «ئۆرپ-ئادەت» چىراغ نۇرى ئاستىدا چاقناپ تۇراتتى، كېچىدىكى قەشقەر ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.