جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەللىكى جاھانغا تارالدى

日期:2019年08月29日
来源:天山网
【字体:

«بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك ياخشى ئىكەن! سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، نۇرغۇن يۈرەك ۋە سۆز قالدۇرغانلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسى نەق مەيدانغا كېلىپ بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرىمىز دەيدۇ.» 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، چىڭدۇلىق ساياھەتچى ياڭ چىڭ خۇشالھالدا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم جامبۇلاققاكېلىشى ئىكەنلىكىنى، مەنزىرە رايونى تور سىگىنالىنىڭناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ئۇ تارتقان سۈرەت ۋە ۋىدىيونىھەر ۋاقىت دوستلار چەمبىرىكى ياكى دوۋيىنغا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جامبۇلاق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شىياۋجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جامبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇشنىپۇرسەت بىلىپ،مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئالاقىلىشىش سىگنالى راۋان بولماسلىقمەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساياھەت مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، ساياھەت رايونىنىڭ داڭلىق ماركا ئوبرازى ۋە داڭقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

«نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن خېيلاۋبا مەنزىرە نۇقتىسىغىچە بولغان 26 كىلومېتىر دائىرىدىكى تور سىگنالىنىڭقاپلاش نىسبىتى %99كە يەتتى» دېدى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى گۇچۇڭ تارماق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ مېي.

ساياھەتچىلەرنىمۇقىم كۆچمە تور مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامبۇلاقمەنزىرە رايونى ئەقلىي ساياھەت، ئەقلىي مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغا قەدەر، مەنزىرە رايونىدىكى 18 مەنزىرە نۇقتىسى WiFi سىگنالىنىقاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ھەقسىز تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.