خوتەن ساياھەتچىلىكىدە «قوش مول ھوسۇل» ئېلىندى

日期:2019年08月29日
来源:天山网
【字体:

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ساياھەتچىلەر %128.39 ئاشتى، كىرىم %97.24 ئاشتى

خوتەن ساياھەتچىلىكىدە «قوش مول ھوسۇل» ئېلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىشۈ بو، ياۋ گاڭ، رېن جياڭ، جاۋ يۆ، جوۋ پېڭخەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە، خوتەن ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 2 مىليون 520 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %128.39 ئاشتى، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 2 مىليارد 791 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %97.24 ئاشتى.

بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى «ساياھەتچىلەرنى خوتەنگە كېلىشكە جەلپ قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، ساياھەت ماركېتىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاھىدە ساياھەت، قىزىل ساياھەت قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ساياھەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتتە كۈتۈۋالغان ئادەم قېتىم سانى ۋە ساياھەت كىرىمىدە «قوش مول ھوسۇل» ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

چىراغ يېقىلىشى بىلەنلا، خوتەن كەچلىك بازىرى كىشىلەر بىلەن لىق تولىدۇ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە قېتىق زۇڭزىسى، قوقاس تۇخۇم، تاۋۇز كەپتەر شورپىسى قاتارلىق ئۆزگىچە تائاملارغا ئېغىز تېگىدۇ. خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەسىپ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن سۇڭمېي مۇنداق تونۇشتۇردى: خوتەن كەچلىك بازىرى، خوتەن كەچلىك بازىرى خۇەنخۇ دۇكىنى ھەر كۈنى 20 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى. خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئۈنۈمى شەكىللىنىپ، ساياھەتچىلەر چوقۇم كېلىدىغان جايغا ئايلانماقتا.

8- ئاينىڭ 18- كۈنى، «100 ئۆي ئاپتوموبىل كوئېنلۇننى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى خوتەن شەھىرىنىڭ قۇم - توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. بېيجىڭ، تيەنجىن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىن كەلگەن ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى 100 دىن ئارتۇق ئۆي ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، بىر مەيدان قۇملۇق ساياھىتىنى باشلىدى.

خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، قۇملۇق ساياھەتچىلىكىدە چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خوتەن تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئۈنۈم ئېففېكتىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە ساياھەت، قۇملۇق ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرغان. خوتەن شەھىرى قۇم - توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونىنىڭ دىرېكتورى جوۋ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەنزىرە رايونى ئۆلچەملىك كارتىڭ ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسى يولى ياساپ، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك كارتىڭ ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

«مېلىڭ ياخشى بولسا، خېرىدار ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ». بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت ئىتتىپاقى، چاڭجياڭ دېلتىسى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ ساياھەتچىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈنۈم ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ يوللۇق تەشۋىقات ئارقىلىق «مېھمانلارنى خوتەنگە كەلتۈردى»، ھازىرغا قەدەر خوتەنگە كەلگەن ئۆي ئاپتوموبىل 200 دىن ئاشتى، ساياھەت كۆتۈرە ئايروپىلانى سەككىز قېتىمغا، ساياھەت مەخسۇس پويىزى 12گە يېتىپ، 5000دىن ئارتۇق ساياھەتچى خوتەنگە كەلدى.

بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى 5 مىليون 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ھەرقايسى مەنزىرە رايونلاردا يېڭىدىن 26 ھاجەتخانا سالدى ھەم ھەرقايسى جايلاردا 13 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئۈچ خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، ئىككى ماي قاچىلاش پونكىتى قۇرۇپ، يېڭىدىن 1197 پۇقراۋى قونالغۇ كارىۋىتى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تەربىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى بىۋاسىتە بېيجىڭ، جېڭجوۋ، شىئەن قاتارلىق شىنجاڭ سىرتىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان ھەمدە ئۈرۈمچى، قەشقەر، كورلا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان ھاۋا لىنىيەسىنى ئاچقان. قەشقەر - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇشى خوتەننى تەدرىجىي ھالدا «ئەڭ چەت جاي»دىن شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندۇرغان.

«كۈز، قىش پەسلى قۇملۇق ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغان پايدىلىق ۋاقىت، خوتەن پەيتنى تۇتۇپ، قاتناشنىڭ قولايلىقلىقىغا تايىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق كۈز، قىش پەسىللىك خوتەن ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جوۋ نېڭۋېن.