تۇرپاندىكى يېڭى مەنزىرە رايونى خويۈنگۇ جىلغىسى

日期:2019年08月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزدەي شياۋخۇا): خويۈنگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چىچان بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل 3 - ئايدىن باشلاپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان يېڭى مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەرنىڭ كۈنلۈك ساياھەتچىلەر سانى مىڭدىن ئاشتى. ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە يەر شەكلىنى ياقتۇرىدۇ. بۇيەردىكى سان - ساناقسىز تاغ جىنسلىرىنىڭ تىك يارلىرى ئۇزاق مۇددەت يىمىرىلىپ، ئاجرىلىپ، ئېقىن سۇدا يالىنىپ، يەككە - يېگانە ۋە تىك غەلىتە تاغ جىنسلىرى، غەلىتە تاشلارنى شەكىللەندۈرگەن. جىلغىنىڭ ئېگىز يېرىدىن يىراققا نەزەر سالغاندا، قىزىل قىيا رەڭگارەڭ، تاغ شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ كارامەتلىرى ھەيۋەتلىك «دەنشيا» يەر شەكلى دۇنياسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

  ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە يەر شەكلىنى ياقتۇرىدۇ.

«ھازىر، مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا «پەلەككە تۇتىشىدىغان شوتا» بولۇپ، «پەلەككە تۇتىشىدىغان شوتا»دىن خويۈنگۇ جىلغىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقىپ، يالقۇنتاغنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.» خويۈنگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ باش دېرىكتورى فەن يامىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، خويۈنگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، مەنزىرە رايونى يەنە دالا ئاپتوموبىلى يولى، تاغ چوققىسىدىكى سىيرىلما زەنجىر، پىيادە مېڭىش رايونى قاتارلىق تۈرلەرنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ .