موڭغۇلكۈرە: مەنزىرىسى گۈزەل ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل

日期:2019年08月21日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شەندۇڭلۇق ساياھەتچى جاڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالايىتەن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شاتا ساياھەت مۇلازىمەت رايونىغا كېلىپ، لەۋھە سوۋغا قىلدى، لەۋھەگە «ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان ياخشى ئۈلگە، موڭغۇلكۈرە گۈزەل، ئادەملىرىتېخىمۇ گۈزەل» دەپ يېزىلغان ئىدى.

يېقىندا، شەندۇڭدىن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگەساياھەت قىلغىلى كەلگەن جاڭ ئەپەندى ئېھتىياتسىزلىقتىن يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان سومكىسىنى شاتا ساياھەت مۇلازىمەت رايونىدا يوقىتىپ قويدى، سومكىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىنىشكىلىرى، بانكا كارتىسى، نەق پۇل ۋە ئاچقۇچ قاتارلىق مۇھىم بۇيۇملىرى بار ئىدى.

سومكا يوقاپكەتكەندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى تىت-تىت بولۇپ، شاتا ساياھەت مۇلازىمەت رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن يادەم سورىدى، خىزمەتچى خادىملار بىر تەرەپتىن جاڭ ئەپەندىگە تەسەللىي بەرگەچ، بىر تەرەپتىن تەپسىلىي ئەھۋالنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە تىيەنما ساياھەت بايرىمىدىكى پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، جاڭ ئەپەندى تەمىنلىگەن سومكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇساپە لىنىيەسى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، يول بويى تەكشۈرۈپ ئىزدىدى.

ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئىزدەش ئارقىلىق، شاتا مەنزىرە رايونىدىكى كۆچمە قۇم شارقىراتما مەنزىرە ئورنى ئەتراپىدا جاڭ ئەپەندى يوقىتىپ قويغان سومكىنى تاپتى. جاڭ ئەپەندى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سومكىدىكى كىنىشكا، نەق پۇل، بانكا كارتىسى قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ شۇ پېتى ئىكەنلىكىنىبايقىدى، يوقىتىپ قويۇپ قايتا تېپىلغان سومكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا: «بىز مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، سومكىنى قاچان يوقىتىپ قويغانلىقىمىزنىبىلمەي قاپتۇق، كۆپچىلىكياردەملىشىپ تېپىپ بەردى، سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!» دېدى.

ساياھەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا مەخسۇس مۇلازىمەت خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ياردەملىشىپئاددىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، مەنزىرە رايونىغا ياردەملىشىپ بېلەت تەكشۈردى،ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى مەيدانىدا ساياھەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ياردەملىشىپ يوقىتىپ قويغان بۇيۇملىرىنى ئىزدىشىپ بەردى، بۇ ئىشلار ساياھەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ساياھەت ئونىۋېرسال مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يەنە ساياھەت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى. پىدائىيلار «مۇلازىمەت» ئۇسۇلى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، تيەنما بايرىمى مەزگىلىدە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بۇ پائالىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا 120 نەپەر پىدائىينى قوبۇل قىلغان.