تۇرپان: ياخشى مۇلازىمەت ياخشى باھالارغا ئېرىشتى

日期:2019年08月21日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر بويلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، كۆلىمى 60 مو كېلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدائاپتوموبىللارنىڭ رەتلىك توختىتىلغانلىقىنى، كىرىپ-چىقىۋاتقانئاپتوموبىللارنىڭ ناھايىتىتەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى. مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۈزۈملەرگە ئېغىز تېگىپ، تۇرپان ئۈزۈملىرىنىڭ سورتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى، يەنە بىر تەرەپتە سەھنىدىكىقاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇلى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

« بۇ يەرنىڭ تاتلىق ئۈزۈمى، چىرايلىق ناخشا-ئۇسسۇللىرى كىشىنى مەست قىلىدۇ.» جىنەنلىك ساياھەتچى لۇ شۆ خۇشال ھالدامۇخبىرغا مۇنداق دېدى:مەن دوستۇم بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ تۇرپانغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن، گەرچە تەتىل مەزگىلىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بويلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ ئارىلىق ئاپتوموبىلى تەرتىپلىك، بىخەتەر ھەم ئىتتىك ئىكەن، خىزمەتچى خادىملىرىمۇبەك قىزغىن ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى «ئۈچ قىيىن، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا،مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشقۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،تۇرپانغا كەلگەنھەربىر ساياھەتچىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشتى.

«8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىز تەيۋەندىن كەلگەن مېيىپلەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدۇق، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمىتى ئۇلارنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. كېيىن، ئۇلار لەۋھە سوۋغا قىلدى، بۇ بىز ئۈچۈن زور ئىلھام بولدى.» يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ دىرېكتورى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەنزىرە رايونىدا ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، ئەسلىدىكى مەنزىرە رايونىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىقاتتىقلاشتۇرۇلدى، مەنزىرە رايونىنىڭ ھاجەتخانىسى كېڭەيتىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

«بۇ يەردىكى ھاجەتخانىلارغىمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، مۇھىت تازىلىقى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.» شېنجېنلىق ساياھەتچى خۇ لىن يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىدا تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ توختىماي يەرنى سۈرتۈپ، قول يۇيۇش سۇپىسىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قايىل بولغانىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن رايونبويىچە ساياھەت ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى تور بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ھەر جايدا يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى، يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا، دوستلىرى بىلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغان سىچۈەنلىك ساياھەتچى تاڭ لەن مۇنداق دېدى: «تۇرپاندىكى نەچچە كۈنلۈك ساياھىتىم بەكمۇ كۆڭۈللۈك بولدى، مەنزىرە رايونىنى WiFi پۈتۈنلەي قاپلىغاچقا، ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، نازۇ-نىممەتلىرىنى دوستلىرىم بىلەن تەڭ بەھىرلەندىم.»

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا، تۇرپان شەھىرى جەمئىي 605 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.64 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 568 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.53 ئاشقان.