8-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسىنىڭ خوتالاش كەنتى كەنت ئاھالىسى زاراڭزىلارنى ئاپتاپقا قاقلىماقتا. خوتالاش كەنتى بارچىن تېغىنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بۇغداي، قىچا، زاراڭزا قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. تاغ ئارىسىدىكى ئېتىز-ئېرىقلاردا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان مەنزىرە پەيدا بولۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل بولغان تاغلىق كەنتنىڭ سۈرەتلەر توپلىمىنى ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ سەھرا تۇرمۇشىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. (ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى