خوتەن قۇملۇقىدىكى توغراقلىق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

日期:2019年08月20日
来源:天山网
【字体:

بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى «ساياھەتچىلەرنى خوتەنگە جەلپ قىلىش» ئىستىراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، زور كۈچ بىلەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇملۇق ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. جۈملىدىن، خوتەن شەھىرى قۇملۇقتىكى توغراقلىق ئېكولوگىيىلىك مەنزىرە رايونىدائاپتوموبىل توختىتىش، ھاجەتخانىدىن باشلاپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى مەركەز قىلغان ھالدا، مەنزىرە رايوننىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

مەنزىرە رايونىدىكى تەكلىماكاننى ئايلىنىدىغان ئۆي ئاپتوموبىللاگېرىغا يېڭىدىن سېلىنغان سۇ بىلەن تازىلىنىدىغانھاجەتخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھاجەتخانىنىڭ ئىچى پاكىز بولۇپ، غەيرىي پۇراق يوق. سۇ سىستېمىسى ۋە مەينەت سۇنى چىقىرىش سىستېمىسىمۇ تولۇق.يەنە قولقۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسى، گازئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن. تازىلىق قىلغۇچى خادىملارھاجەتخانىنى قەرەللىكتازىلاپ تۇرىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش 200 كۋادرات مېتىرلىق ھاجەتخانىدىن مەنزىرە رايونىدا ئىككىسى، 100 كۋادرات مېتىرلىق ھاجەتخانىدىن بىرى بار. ساياھەتچىلەرنىڭ جىنسىي نىسبىتى ۋە ھاجەتخانا ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەر-ئايال ھاجەتخانا ئورنى 2:3 نىسبەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھازىر مەنزىرە رايونىدا 200 دىن ئارتۇق ھاجاتخانا بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ. شىنجاڭ بېيجىڭ ـ چۇڭچىڭ تيەنخۇا ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :5-ئايدىن باشلاپ مەزكۇر شىركەت مەنزىرە رايون تىجارىتىنى كېڭەيتىدۇ، ھازىر نەچچە ئون مىڭ كۋادراتمېتىرلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر پۈتتى. 2019-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش رالى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە مەنزىرە رايونى 1000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئۆينى كۈتۈۋالدى.

ھازىر مەنزىرە رايونى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا300دىن ئارتۇقئاپتوموبىل ئۆيىنىكۈتۈۋالىدۇ، مەنزىرە رايونى لاگېرى بۇنىڭ ئۈچۈن دالىدىكى تۈنەش ئورنىغا50دىن ئارتۇق جۈمەكلىك مۇنچا سېلىپ،ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ دالىدا تۈنىمەكچى بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ يۇيۇنۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

20دىن ئارتۇق چېدىرلىق مېھمانخانىنىڭ ئىچىبېزىلىۋاتقان بولۇپ، ياپيېشىل دەل- دەرەخ ۋە سېرىق قۇملۇق ئىچىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان چېدىرلىق مېھمانخانا كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك رايوندا دالىدا قونۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. چېدىرلىق مېھمانخانىنى چۆرىدىگەن ھالدا يەنە قاۋاقخانا، ئاشخانا قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇردى.

بۇنىڭدىن سىرت، يەنە مەنزىرە رايونى ئەتراپتىكى يېزا-بازارئاھالىلىرىنى مەنزىرە رايونى نەقمەيدانىغابېرىپ خوتەننىڭ نازۇ-نېممەتلىرىنى ئېتىپ سېتىشقا يېتەكلىدى. خوتەننىڭ قېتىق تاڭزۇڭزىسى، لەڭپۇڭ، سامسا قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەنزىرە رايونى يەنە ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش، قۇملۇق كارت ئاپتوموبىلى، قۇملۇقتا تۆگە مېنىش، مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى خوتەننىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتۇردى.

مۇخبىر مەنزىرە رايونى پىلانلاش كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا،ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت كۈتىۋېلىش مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش، مەسلىھەت سوراش، داۋالاش ئۆيىدىن باشقا، يەنە ئاپتوماتىك سۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى، كۆچمە زەرەتلەش، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنىكۆردى. «بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئەمدىئۆلچەملىك كارتئاپتوموبىل مۇسابىقىسى يولى، 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاماشا مۇنارى، 6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكىتوغراقلىقپىيادىلەر يولىنى تەسىس قىلىمىز. مەنزىرە رايونىنىڭ ئۈل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ» دېدى جۇۋ يوڭ مەنزىرە رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىغان ھالدا.