كېچىلىك دۇنيا موگۇيچېڭدا ساياھەت

日期:2019年08月15日
来源:天山网
【字体:

ئۆز خەۋىرىمىز: 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى«كېچىلىك دۇنيا موگۇيچېڭدا ساياھەت . كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئورقۇ» باش تېماپائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئورقۇ رايونىدىكى كادىرلار ۋەكىللىرىنى قول تۇتۇشۇپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن كېچىلىك دۇنيا موگۇيچېڭنى ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەرمىللەت كادىرلىرى بىلەن ئاممىنىڭچوڭقۇر دوستلۇقىنىكۈچەيتىپ،كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، دۇنيا موگۇيچېڭ ئاسمىنىدا ئەڭ ئاخىرقى شەپەق نۇرى پاتقاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونىدىكى يارداڭ كېچىلىك مەنزىرىسى چىراغ نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن تېخىمۇ ھەشەمەتلىك كۆرۈندى. كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ ھەر بىر مەنزىرە رايونلىرىنى تاماشا قىلىپ، ئوخشىمىغان موگۇيچېڭ مەنزىرىسىنى ھېس قىلدى.

ئورقۇ رايونى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا كېچىلىك ساياھەت قىلىش تۈرى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ، مەنزىرە رايونى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان يېڭى ھېس قىلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ساياھەت مەھسۇلاتى شەھەر ئاممىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ھەر كۈنى كېچىدە ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەر1000 ئادەم (قېتىم)غا يەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، 10 نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، قاراماي موگۇيچېڭنى جۇڭغار ئويمانلىقى ساياھەت لىنىيەسىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى، قاناستىن كېيىنكى «ئۈچ چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى»نىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگە ھالدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇپ چىقىشقا بەل باغلاپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت كەسپىنى موللاشتۇرۇپ، بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.