شىنجاڭ ئالتاي: 4-نۆۋەتلىك «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر ــــ بۇرچىننىڭ تەمى» مەززىلىك تائاملار بايرىمى باشلاندى

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى، ئالتاي، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى(نايى): 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر ــــ بۇرچىننىڭ تەمى» مەززىلىك تائاملار بايرىمى باشلاندى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى چىلىتەنيۈ كەنتىدە «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر ــ بۇرچىننىڭ تەمى» باش تېما قىلىنغان داڭلىق زىياپەت ئېرتىش دەرياسى سوغۇق سۇ بېلىقى زىياپىتى مۇسابىقى سى، ئالتۇن مىداللىق ئۇستاملار مۇسابىقىسى ۋە «ئۆزگىچە يېمەكلىكلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش» قاتارلىقتۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ،ساياھەتچىلەر بۇ يەردە بىر پۈتۈن يۈرۈشلۈكنازۇ- نېمەت سەپىرىنى ھېس قىلدى.