【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 ئىلى يايلىقىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى بىلەن ئۇچرىشىش

日期:2019年08月08日
来源:天山网
【字体:

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى خەۋىرى: تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىلى يايلىقى ئەڭ گۈزەل پەسىلگە قەدەم قويدى.

ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ يەر شەكلى ئۆزگىچە، شەرق، جەنۇب، شىمال ئۈچ تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان، غەربىي قىسىمىدىكى ئېغىزى نەمخۇش ھاۋا ئېقىمىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىلى يايلىقىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەرتىپ بويىچە ئېگىز ھەم سوغۇق جايدا ئۆسىدىغان چىملىق، تاغلىق چىملىقى، تاغلىق يايلىقى، تاغلىق چۆل يايلىقى، تۈزلەڭلىك چۆللۈكى ۋە دەريا ۋادىسى چىملىقىدىن ئىبارەت كۆپ خىللاشقان ۋېرتىكال تارقىلىش بەلبېغىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى چوڭ-كىچىك يايلاقلاردىن نارات يايلىقى، تاڭبۇلا يايلىقى، كۈنەس يايلىقى، موڭغۇلكۈرە يايلىقى ۋەكىل خاراكتېرلىك بولۇپ، ئويمان-دۆڭ، يىلانباغرى سوزۇلۇپ، گاھ تاغ چوققىسىدا، گاھ تاغ باغرىدا، گاھ تاغ جىلغىلىرىداپارچە-پارچە ئورمانلىق، ئېرىق-ئۆستەڭلەر بىلەن بىرىكىپ چوڭ يايلاقنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەردە ئۆزگىرىشچان بۇلۇتلار، يامغۇردىن كېيىنكى قوش ھەسەن-ھۈسەن، يايلاقتىكى كۈن پېتىش گۈزەل مەنزىرىسىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ.