[مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم] يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر: گۈزەل شىنجاڭ

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

 «ئېگىزلىكتىكى سۇلۇق يەرنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى»

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كۆلچىن كۆلى سۇلۇق يېرىدە سۈرەتكە تارتىلغان. كەچكى شەپەق ئاستىدىكى كۆك ئاسمان، ئېگىز قارلىق چوققا، ئوتلاق سۇلۇق يېرى كۆپكۆك كۆل سۈيىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

  «چۆل-باياۋاندىكى سۇلۇق يەر ئۆردەكلەرنى قارشى ئالدى»

2019-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا توققۇز كىلومېتىر كېلىدىغان گۇخەي دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئالتە دانە ئاز ئۇچرايدىغان ياۋا ئۆردەك قىرغاقتا تۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى يېشىل نېفىتلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، سۇلۇق يەرنىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كۆپ خىل ياۋا پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

  «نېلۇپەر گۈللىرى ئېچىلىپ چۆللەرنى خۇشپۇراق قاپلىدى»

نېلۇپەر گۈللىرى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، چۆل-باياۋاندىكى نېفىت شەھىرىگە گۈزەل مەنزىرە قوشتى.

  «ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ گۈل بايرىمىنى تەبرىكلەش»

2019-يىلى 6-ئايدا، تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى گوزىگوۋدا گۈل ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مىللىيچە كىيىنگەن قازاق ياشلىرى، دومبۇرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، گۈل ساياھەت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

  «قۇمقاناس كەنتى»

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەردە بۇرچىن ناھىيەسىدىكى گۈزەل قار يېزىسى قۇمقاناس كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان. قۇمقاناس كەنتىدىكى كىچىك ياغاچ ئۆي، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قېيىن دەرىخى، مۇز تۇتۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنى ۋە ياۋايى ئىپتىدائىي ئورمان قاتارلىقلار كۈمۈش رەڭلىك چۆچەك دۇنياسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى .

  « ئالتۇن كۈزدىكى توغراقلىق»

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى لوپنۇر ناھىيەسى خۇلۇ ئارىلىدا سۈرەتكە تارتىلغان. كۆپكۆك ئاسمان، بىر - بىرىگە تاقاشقان قۇم ئىدىرلىرى، تاغ باغرى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق، ساياھەتچىلەرنى توشۇيدىغان سەيلە كېمىسى، يېشىل كۆل سۈيىدە بىرلىكتە ئەكس ئېتىپ، كىشىنى جەلىپ قىلاتتى.

  «يېشىل يايلاق گۈزەل يۇرت»

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچقۇرۇن نىلقا ناھىيەسى چورما يايلىقىدا سۈرەتكە تارتىلغان. تاغ باغرىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كەچكى شەپىقى، يېشىل چىملىقتىكى كىگىز ئۆيلەر، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ، شېئىرىي ھېسسىياتقا تويۇنغان گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى.

  «گۈزەل مەنزىرە سەنداۋخەيزى»

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى سەنداۋخەيزى سۇلۇق يېرىدە، كۆپكۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يېشىللىققا پۈركەنگەن ئوتلاق، توختىماي ئېقىپ تۇرغان كۆل سۈيى ۋە قىزىل گۈللەر بىر-بىرىنى چاقنىتىپ، خۇددى سۈرەتتەك مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، كىشىنى جەلىپ قىلدى.

  « ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەردىكى ئاققۇ ساياھىتى»

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسى چاغانغۇل يېزىسى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە، ئاققۇ ۋە ياۋا ئۆردەك قاتارلىق قۇشلار سۇدا ئۈزۈپ، ئوزۇقلۇق ئىزدىدى. سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل، مول بولغان راك، بېلىقلار، يېشىل ئوت - چۆپلەر ۋە سالقىن ھاۋا كىلىماتى ئاققۇ ۋە ھەر خىل ياۋايى قۇشلارنى بۇ يەرگە ماكانلىشىپ، كۆپىيىشكە جەلىپ قىلدى.

  «ئاققۇلار ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەردە سەيلە قىلدى»

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، 00 دىن ئارتۇق ياۋا ئاققۇ ۋە ياۋا ئۆردەك قاتارلىق ئەتىۋارلىق قۇشلار، بورتالا شەھىرى بىنخې باغچىسىدىكى سۇدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر سۇ سۈپىتىنى قوغداشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ قۇشلارنى سۆيۈش، قۇشلارنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ قۇشلار يىراقتىكى سىبىرىيەدىن بۇ يەرگە كېلىپ قىشلىدى.

  « يازلىق كۆچۈش»

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى،بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى300 مىڭ تۇياق ئات، كالا، قوي، تۆگە قاتارلىق چارۋا-ماللار سىم-سىم يامغۇرغا قارىماي، توپ-توپ بولۇپ قىشلاقتىن ئالتاي تېغى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچتى.

  «گۈزەل كەچكى شەپەقتىكى شەھەر»

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان. كەچقۇرۇندا، ئاپتور نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھاۋارايىغا قارىماي، بىر قەدەر ئېگىز تاغ باغرىغا چىقىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىشقا تەييارلاندى؛ كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئاسماننى قاپلىغان قىزىل، سېرىق كەچكى شەپەق شەھەر بىنالىرى، تۇتاش كەتكەن ئورمانلىق ۋە قار – مۇز، دەريا - ئېقىنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سوغۇق، ئىللىق رەڭ سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك بولغان گۈزەل قىش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

  «كۈركۈم گۈلىنىڭ خۇش ھىدى تىيانشاننى مەست قىلدى»

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى شىخۇ شەھىرى فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى دەيفۇسېڭ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە ئېلىنغان. بۇ يەردىكى 200 مودىن ئارتۇق يەردىكى قىزىل، سېرىق، كۆك رەڭلىك كۈركۈم گۈلى ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا بەس-بەستە ئېچىلىپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يىراقتىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە تىيانشاننىڭ قارلىق چوققىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سۈرەتتەك تەبىئىي مەنزىرە شەكىللەندۈردى.