گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا گۈللەر ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاۋ لىجۈەن، ۋۇ شيالى فوتوسى، خەۋىرى): تومۇز ئىسسىق بولۇۋاتقان 7-ئايدا، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بىليۇخېبازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزىمەنزىرە رايونىدا، كىشىلەر ئۆزلىرىنى خۇددى كۆز يەتكۈسىز گۈل دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىشاتتى. ساياھەتچىلەر پات-پاتگۈل-چېچەكلەر ئارىسىدا توختاپ، بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلدى.

خۇاڭگۇڭ كەنتى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى 2018-يىلى تەسىس قىلىنغان، ئۇ مەملىكەت بويىچە A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان جامبۇلاقنىڭ ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگەيەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جامبۇلاق پۈتۈن رايون ساياھىتى ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان. تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەمەلىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1100 مو بولۇپ، گۈل-گىياھ سەيلىسى قىلىش، مېۋە-چېۋە ئۈزۈش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتلىرى بار، ئوبلاست بويىچە ئەڭ چوڭ، ئاپتونوم رايون بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان گۈل-گىياھ سەيلىسى مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

بىليۇخې بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتىدە تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە سەيلە قىلىپ، سۈرەتكە چۈشمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىليۇخې بازىرى جامبۇلاق ئايلانما لىنىيەسىدىكىرايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بىليۇخې بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتى تىيانشان گۈل دېڭىزى، خۇاڭگۇڭ شادلىق جىلغىسى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، بىليۇخې بازىرىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.