پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى مۇھىم نۇقتا كەنتلىرى تىزىملىكىگە شىنجاڭدىن 15 كەنت كىرگۈزۈلدى

日期:2019年08月01日
来源:天山网
【字体:

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى پاكىز، رەتلىك يوللار.

مۇخبىرىمىز فېي شۈەن، يۈ يىچاڭ خەۋىرى: يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېزا-كەنت ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭتىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچەيېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭئىچىدە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى، ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىنىڭ قۇم كەنتى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتى قاتارلىق 15 كەنت تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى نۇقتىلىق كەنت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقى مول بولۇش، تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش بىر قەدەر ياخشى بولۇش، يېزا - كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ تەرەققىياتى بىر قەدەر ياخشى بولۇش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسى پىشىپ يېتىلگەن بولۇش، سۈپىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش ئاساسلىق باھالاش ئۆلچىمى قىلىنغان.

  پىڭشىلياڭ كەنتىدە كىچىك دوستلار لەگلەك ئۇچۇرۇپ ئوينىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، «‹13- بەش يىللىق› ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى»، «گوۋۇيۈەننىڭ يېزا- كەنت كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچى پىكىرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەملىكەت بويىچە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنى تاللاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە تۇنجى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تىزىملىك جەمئىي 320 بولۇپ، ئېلىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە چېتىلىدىكەن.

  پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى مەلۇم ئاھالىنىڭ تۇرالغۇسى.

تاللانغان نۇقتىلىق كەنتلەرگە قارىتا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ساياھەت پىلانلاش قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، ئىجادىي لايىھەلەش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەت پىلانى، ئىجادىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت ۋە ئېسىل تۈرلەرنى قوللايدۇ ھەمدە جايلارنىڭ تۈرلۈك مەبلەغ يولى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنى قوللاشقا ئىلھام بېرىدۇ.

 ساياھەتچىلەرپىڭشىلياڭ كەنتىدىكى گۈل دېڭىزىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنجاڭدىكى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 15 يېزا-كەنتنىڭ تىزىملىكى:

1. شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى

2. شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قۇم كەنتى

3. شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتى

4. شىنجاڭ تۇرپان شەھرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭ خۇ كەنتى

5. شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلىجىن ناھىيەسى چىبىراك دېھقانچىلىق مەيدانى جيۇخۇا كەنتى

6. شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى بايىنغولىن ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانى

7. شىنجاڭ قاراماي شەھرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى خاك كەنتى

8. شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىرىنزا يېزىسى شىرىنزا كەنتى

9. شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى يېڭىئېرىق بازىرى چاچى كەنتى

10. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4- شىسى كۆكدالا شەھىرى 62- تۇەن جىنبىيەن بازىرى

11. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10- شىسى بەيتۈن شەھىرى فاڭتۇەن 3- ليەنى

12. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شىسى باش ئەگىم شەھرى 31- تۇەن 2- ليەنى

13. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شىسى ئارال شەھرى 11- تۇەن 13- ليەنى

14. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8- شىسى شىخەنزە شەھىرى فاڭتۇەن 10- ليەنى

15. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەن 4- شىسى كۆكدالا شەھىرى 78- تۇەن 5- ليەنى.