قىزىل مەدەنىيەت مەملىكىتىمىز كىشىلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

日期:2019年07月29日
来源:天山网
【字体:

يازلىق تەتىلدە قىزىل ساياھەت قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

1500 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ساياھەت ئۆمىكى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ساياھەت ئاپتوبۇسىغائولتۇرۇپ شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ، جياڭشى نەنچاڭ، فۇجوۋ، رۈيجىن، يۈدۇ قاتارلىق جايلاردا قانات يايدۇرۇلىدىغان ئالتە كۈن، بەش كېچە داۋاملىشىدىغانقىزىل ساياھەتنى باشلىۋەتتى، ساياھەت ئۆمىكىدىكى ئەڭ چوڭ ساياھەتچىنىڭ يېشى 90گە يېقىنلاشقان، ئەڭ كىچىكىنىڭ يېشى ئارانلا 10 ياش.

ئۇلار «سەلتەنەتلىك 70 يىل، يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش» 10 مىڭ كىشى ئۇزۇن سەپەرنى قايتا داۋاملاشتۇرۇش قىزىل ساياھەت لىنىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىرى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېيىنكى قېتىمدا يەنە جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچلەر جياڭشىغا بېرىپ قىزىل مەدەنىيەتنى ئىزدەيدىكەن.

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، قىزىل ساياھەتچىلىك سىجىل جانلاندى. توردا ساياھەت قىلىش سۇپىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2019-يىلىيازلىق تەتىلدە، ئېلىمىزنىڭ قىزىل ساياھەت مەنزىلىدىكى ساياھەتچىلەر داۋاملىق ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلايدىكەن،مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەت مەنزىلىگە بارىدىغانلار100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن.

بۇ ساياھەت سۇپىسىنىڭسانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېخىمۇ كۆپ ياشلار قىزىل ساياھەتكە قاتناشقان: «85-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار»نىڭ قىزىل ساياھەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرىبولغان، قىزىل ساياھەتكە قاتناشقان «2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار»نىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62 ئاشقان.

جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭباشلىقى دەي بىن مۇنداق دەپ باھا بەردى: ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنىۋى تەربىيەسىدە ئاممىۋىلىشىش، دائىملىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى،قىزىل ساياھەتنىڭ كۆلىمى ۋە قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاممىنىڭ ساياھەتكە چىقىشىدىكى مۇھىم تاللاشقا ئايلاندى.