شىنجاڭ قاناس رايونى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

日期:2019年07月29日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان قاناس كۆلى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭقۇر مورېناتوختام سۇ كۆلى، ھازىر بۇ جاي ساياھەتچىلەر يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، يېقىنقى ئىككى كۈندىكى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 80 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى .

ئالتاي تېغى قويۇق ئورمانلىقىغا جايلاشقان قاناس كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 1374 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، تاغ جىلغىلىرى ئارىسىغا جايلاشقان زۇمرەت تاشتەك كۆپكۆك، سۈپسۈزۈك كۆرۈنىدۇ. ئەتىگەن سائەت 9دىن ئاشقاندا، تاغقا چىقىدىغان يولئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتتى. ساياھەتچىلەر 1068- پەلەمپەيگە چىققاندىن كېيىن، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقتى، بۇ يەر قاناس كۆلىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈش بۇلۇڭى ھېسابلىنىدۇ.

مەنزىرە رايونىدىكى قەدىمىي كەنت-قاناس كەنتىدە، «خاندېگا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك مۇزىكا ئەترىتى بار بولۇپ، يەتتە موڭغۇل يىگىتىدىن تەركىب تاپقان، بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ توردا خېلى نامى بار.

مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بۇرگېدى: ھەركۈنى ئاساسەن 20-30 مەيدان ئويۇن قويىمىز. ھازىر ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، مېنىڭچە ھەر يىلى قاناس ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

بۇ يىل، قاناس مەنزىرە رايونى قاناس كەنتى، قۇم كەنتى ئۆزگىچە تۇرالغۇسىنىڭ دەرىجىسىنىئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. تازىلىق ئۆيىدىكى قۇرۇق بىلەن نەمنى ئايرىپ ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، تام يۈزى، چىراغلارنى لايىھەلەشكىچە، تىجارەتچىلەر سېلىنمىنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتى.

بۇرچىن : كېچىلىك ئىقتىساد ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالدى

قاناسنىڭ ساياھىتى ئەتراپتىكى بىر قىسىم رايونلارغا تۈرتكە بولدى. قاناسقا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇرچىن ناھىيەسى كېچىلىك ئىقتىساد بەرپا قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالدى.

سەھەر سائەت بىردىن ئاشقاندا، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى خېدى كەچلىك بازىرىدا، چىراغلار يورۇپ تۇراتتى. ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنلەر ئىچىدە، قاناستىن ساياھەت قىلىپ قايتقان، مەخسۇس ئېسىل تائاملارنى تېتىپ باققىلى كەلگەن ساياھەت ئۆمەكلىرىمۇ، يەنە تېخى ئەمدىلا بۇرچىنغا كېلىپ، ئەتىسى قاناسقا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بارماقچى بولغان ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى. خېدى كەچلىك بازىرىدا، سەھەر سائەت ئۈچتىن بۇرۇن تىجارەت قىلىدىغان ئاشخانىنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ساتىدىغان تاللا بازىرىنىتاپقىلى بولاتتى.

كەچلىك بازاردىن باشقا، ھەر كۈنى كەچتە تىياتىرخانىدا ئۈچ سائەت ئورۇندىلىدىغان قازاق مىللىتى ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «قاناس مۇراسىمى»، ساياھەتچىلەرنىڭ شۇ جاينىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھېس قىلىدىغان ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى.