دىققەتنى يېشىل تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك خوتنى يۇقىرىلىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى

日期:2019年07月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپئاق قارلىق چوققىلار بىلەن ياپيېشىل شەمشادلار گىرەلىشىپ جىلۋە قىلاتتى، ھەممە يەرنى قاپلىغان گۈللەر ئېرىقلاردا شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن بىر - بىرىگە جور بولۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى، بۇنداق گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى كۆرگەن كىشىلەر قايتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى...

تومۇزدىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بىر پارچە يېپيېڭى نام كارتىسى كۆرسىتىپ تۇراتتى.

بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى 7 مىليون 110 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.26 ئاشتى، پەقەت 6- ئايدىلا 1 مىليون 822 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.48 ئاشتى.

ساياھەتچىلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بار: ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك خوتنى يۇقىرىلىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى؛ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى «ئېكولوگىيە پايدىسى» تارقاتقۇزدى؛ گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى «گۈزەل ئىگىلىك»كە تۈرتكە بولغۇزدى.

مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى

چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى يىپەك يولى مەدەنىيەت كۆرگەزمە مەركىزىدە ھازىر جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك تىياتىرى «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ جايدا قويۇلىدۇ.

بۇ چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ بىر مىسالى.

«چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشنى چۆرىدەپ، بىز <كەشتىلەش> ماھارىتىمىزنى كۆرسىتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق.» 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم فاڭ ئەيگو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەنزىرە رايونى سىرتتىن ئىچىگىچە خوتنى يۇقىرىلىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

ساياھەتچى تەن شىنخۇا يېقىندا تىيانشان چوڭ جىلغىسىغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەندە ھەم ھەيران بولغان، ھەم خۇشال بولغان ھالدا بۇ يەرنىڭ «ھۆسنى»نىڭ يەنە يېڭىلانغانلىقىنى بايقىدى: ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تەرتىپلىك بولۇپ، كۆرسىتىش بەلگە تاختىلىرى كۆركەم، مودا ئىدى، سىمسىز تور قاپلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يېڭىلاپ تۇرالىدى...

بۇلتۇردىن بۇيان، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ئومۇميۈزلۈك خوتنى يۇقىرىلىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش، ئەقلىي مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن چوڭ نەنسەن خەلقئارا مەنزىرە رايونىنىڭ يارقىن نام كارتىسىنى بەرپا قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەنزىرە رايونى يەنە تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، مەنزىرە رايونىغا مەدەنىيەت روھى قوشىدۇ.

قار - مۇز ھەرىكىتى، ئېكسپېدىتسىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت، دەم ئېلىشتىن ئىبارەت كۆپ كەسىپ ھالىتى بىر گەۋدىلەشكەن خاس كىچىك بازار، چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ ساياھەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى.

ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى نەن خەينىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ساياھەتچىلەر چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىغا ئارام ئالغىلى كەلگەندە، قىشتا چاڭغا تېيىلىپ، يازدا مەنزىرە كۆرۈپ، ئاندىن بىر ۋاق تاماق يەپلا كېتىپ قالىدىكەن. ھازىر، خاسلىققا ئىگە كىچىك بازارنىڭ سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، ساغلام كۈتۈنۈش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ساياھەت ئەندىزىسى ھەم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ھەم ساياھەت رايونىنىڭ «بىر پەسىللىك ساياھىتى»نى «تۆت پەسىللىك ساياھەت»كە ئۆزگەرتتى.

«ئىزدەپ تېپىش تەس بولۇش»تىن «ھەممىلا يەردە بولۇش»قىچە، «مەينەت، قالايمىقان، ناچار، ئاز، چەت» بولۇشتىن «يورۇق، پاكىز، ياخشى، كۆپ، ئالاھىدە» بولۇشقىچە، بۇ ئىككى يىلدا، چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. 70تىن ئارتۇق سۇ چۈشىدىغان ھاجەتخانا تەبىئىي مەنزىرە ھەم ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئىستىراھەت ئەسلىھەلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى، 340تىن ئارتۇق بەلگىلىك كۆلەم، ئۈنۈمگە ئىگە بولغان دېھقانلار (چارۋىچىلار) ئارامگاھىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش نۇقتىسىمۇ ئۆي ئىچىدە سۇ چۈشىدىغان ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل تاغلار «ئېكولوگىيە پايدىسى»نى قايتۇردى

چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى زور، تۈرى كۆپ، تىپى كۆپ، تۈرلىرى ئەلا بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەننى قانداق ئىشقا ئاشۇردى؟

ئۈرۈمچى ناھىيەسى يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە ناھىيە تەۋەسىدە تەستىقلانغان تۈرلۈك يىرىك پىلانلاردىكى قۇرۇلۇش چەكلەنگەن رايون، قۇرۇلۇشقا چەكلىمە قويۇلغان رايون تەلەپلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تەستىقلىمىدى.

قېزىلما بايلىقلارنى ئۆز ئالدىغا قېزىش، قالايمىقان قېزىش ۋە ئوغرىلىقچە قېزىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە قانۇن بويىچە كۆمۈر كانلىرىنى تاقىغاندىن سىرت، ھەر يىلى يەنە مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، مەنزىرە رايونلىرىدا دىجورنىلىك نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، خادىملارنى ئاجرىتىپ 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىك قىلىشنى يولغا قويدى. ھازىر، بۇ ناھىيە مۇھىت قوغداش بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە «چوڭ مۇھىت ئاسراش» خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى «نەنسەن پۈتۈن رايونىنىڭ ھەممىسى مەنزىرە رايونى» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا يىرىك پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە لايىھەلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە قۇردى، ئالتە يېزا (بازار) بىرتۇتاش يىرىك پىلانلاپ، ئوخشاش بولمىغان گۈل - گىياھلارنى بىرتۇتاش تېرىدى: يۇڭفېڭ بازىرىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان قىچا گۈللىرى، دۇڭۋەن كەنتىدە يەلپۈنۈپ تۇرغان كەترەن گۈللىرى، پىڭشىلياڭ كەنتىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن جۈخار گۈللىرى... ھەيۋەتلىك «گۈل دېڭىزى نەنسەن»، چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىدىكى سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل تاغلارغا «گۈل ئۈستىگە گۈل قوندۇردى».

چىنار دەرىخى تىكسە، سۇمۇرغنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. ھەم يۇلتۇزلۇق ئاسمان، ھەم يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى كۆرگىلى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىغىلى بولىدىغان چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەرنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلماقتا.

«<ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى>نى ساقلاپ قالغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە بىز <ئېكولوگىيە پايدىسى>غا ئېرىشىشكە باشلىدۇق» دېدى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈخۇڭ.

گۈزەل يېزا - كەنت «گۈزەل ئىگىلىك»نى بارلىققا كەلتۈردى

«بىز تەقدىرلەش مېخانىزمى تەسىس قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئەخلەت تۆككەنلەرنى پاش قىلغانلارنى 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە مۇكاپاتلىدۇق» دېدى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى جاتەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شيۇخۇڭ.

جاتەن كەنتىنىڭ دەل - دەرەخلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، پاكىز، ئازادە - يورۇق بولۇپ، كەنتتىكى ھەربىر تەۋەلىك رايونىنىڭ ھەممىسىدە مۇھىت تازىلىقىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ئادەم بار. مۇھىت ئاسراشقا قارىتا، كەنت ئاھالىلىرى «ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قالايمىقان تاشلاش»نى «ئاڭلىق مەركەزلەشتۈرۈش»كە ئۆزگەرتتى.

«يول چىراغلىرى يورۇتۇلدى، يوللار كېڭەيتىلدى، ھويلا - ئارانلار گۈزەللەشتۈرۈلدى، يېزىنىڭ بۇرۇنقى قالايمىقان ھالىتى قالمىدى.» كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى تيەنشيا مەھەللىسىدىكى ئاھالە ما مېينىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن يېزا - كەنت ساياھەت كەسپى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى ئارقىلىق، گۈزەل يېزا - كەنت يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى، گۈزەل يېزا - كەنت «گۈزەل ئىگىلىك»نى بارلىققا كەلتۈردى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى شاڭسې كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ياڭ پېيبىن ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدا، مۇخبىر نەچچە ئۈستەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ مەززىلىك تائاملارنى تېتىۋاتقانلىقى، بۆلجۈرگەن ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى يىراقلارغا تارالدى.

«بىزنىڭ يېزا - كەنتىمىز بارغانسېرى گۈزەللەشتى، ھەر كۈنى ھويلىمىز ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولىدۇ.» ياڭ پېيبىننىڭ خۇشال ھالدا مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئۇ ھويلىسىدا گۈل - گىياھ تېرىپ، 6- ئايدىلا گۈل - گىياھ سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى يەنە پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى ئېسىل مەنزىرە رايونى − چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى بەرپا قىلىشتىكى بىر مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېڭى قائىدىلەرنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە تارىخ، مەدەنىيەت خاسلىقى نۇقتىلىق قېزىلىپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە ئادىمىيەت، ئىستىراھەت، كۈتۈنۈشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى گەۋدىلەندۈرۈلگەن 30دىن ئارتۇق خاس پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، يىل ئاخىرىدا 100 خاس پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئېچىلىشىدىن ئۈمىد بار.

«چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدە تاغ باغرى، سۇ بويىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلار، گۈزەللىك بايلىقىنى گۈزەل ئىگىلىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى موتور، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانماقتا» دېدى فاڭ ئەيگو.