ئېسىل مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش سۈپەتلىك ماركا ئۈنۈم ئېففېكتىنى گەۋدىلەندۈرۈش

شىنجاڭدىكى 16 مەنزىرە رايونى تىرىشىپ 5A دەرىجە بەرپا قىلماقتا

日期:2019年07月20日
来源:天山网
【字体:

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەييۈن رېنجيا مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتىدە، بېيجىڭلىق ساياھەتچى ما لى بىر تەرەپتىن ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بۈركۈت ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلىنىپ، بىر تەرەپتىن تاجىكلارنىڭ ئېسىل تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ، مەستخۇش بولدى. سەييۈن رېنجيا مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتىدە، ساياھەتچىلەر تاجىك خەلق ناخشىلىرى، كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىدىن مەركەزلىك ھۇزۇرلىنالايدۇ.

2014- يىلىدىن باشلاپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بولغان تاشقورغان، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى جىنساۋتەن، سەييۈن رېنجيا مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتىنى يادرو قىلغان 3.1 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونىنى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بەرپا قىلىشنى بېكىتتى.

پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئوخشاش، نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 16 مەنزىرە رايونى داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلماقتا.

دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش كۆرسەتكۈچى ساياھەت قاتنىشى، سەھىيە، پوچتا - تېلېگراف مۇلازىمىتى، ساياھەت مال سېتىۋېلىش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، بايلىق ۋە مۇھىت ئاسراش، بايلىقنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، بازارنىڭ تەسىر كۈچى، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىق 12 تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قاتناش ئاچقۇچ. رەسسام يەن يايا ئىزچىل ھالدا تاجىك بالىلىرىنى ئىجادىيەت ئوبيېكتى قىلىپ، ھەر يىلى بېيجىڭدىن تاشقورغانغا كېلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «ھازىر قاتناش بارغانسېرى قولايلاشتى، تاشقورغان ئەمدى يىراق بىلىنمەيدىغان بولدى» دېدى يەن يايا چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ جايلىرىدا قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلدى، تۆمۈريول يولۇچى تىرانسپورتىمۇ بارغانسېرى قولايلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 314 دۆلەت يولى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، تاشقورغاننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونىمۇ ئۇل ئەسلىھەلەرنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 15 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە ئالتە كىلومېتىرلىق مەنزىرە رايونى ئۆزگىچە سەيلە يولىنى يېڭىدىن ياسىدى، ئىككى مەنزىرە سۇپىسى ھەمدە ئارام ئېلىش ئەسلىھەسى ياسىدى.

مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېيتقاندا، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى، بازارنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، بۇ ھەم داڭلىق ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 554 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.26 ئاشتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونى، تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، نارات مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى قاتارلىق دۆلەت 5A دەرىجىلىك 12 مەنزىرە رايونى بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.