رومانتىك ھېسسىياتچان يايلاق 100 نەپەر رەسسامنى «يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى»غا كېلىپ رەسىم سىزىشقا جەلپ قىلدى

日期:2019年07月15日
来源:天山网
【字体:

يىراقتا بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان ئاپئاق قارلىق تاغ، تاغ باغرىدىكى قارامتۇل يېشىل ئورمان، كۆز ئالدىمىزدا ياپيېشىل ئوتلاق. يېقىندا، «يۈز چاقىرىملىق توپلام، تەبىئىي رەسىم كارىدورى» دېگەن نامى بار تاڭبۇلا مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋە رەسساملارنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، رەسىم سىزىشقاجەلپ قىلدى.

يىل بېشىدىن تاكى ھازىرغىچە،شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى 20 تۈركۈم يۈزگە يېقىن رەسسام ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نىلقا ناھىيەسىگە كېلىپ بۇ يەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدى.

«گەرچە بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى كېلىشىم بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغ يايلاق مەنزىرىسىنى كۆرۈشۈم، تۇتاش كەتكەن، چوڭقۇر-تېيىزلىقى ئوخشاش بولمىغان، گۈزەللىكتە تەڭداشسىز» دېدى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، جياڭسۇغا قايتىپ كەلگەن جوۋ شياۋدۇڭ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى تاڭبۇلا يايلىقىدا رەسىم سىزىۋاتقان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ تۇرۇپ، ئۇ ھېلىھەممۇ ھاياجانلىق ھېسسىياتتا ئىدى.

جوۋ شياۋدۇڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھىرى ۋۇجىن رايونى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن تۆت نەپەر جياڭسۇلۇق رەسسامنى باشلاپ تاڭبۇلا مەنزىرە رايونىغا كېلىپ رەسىم سىزغان.

ھازىر تاڭبۇلا يايلىقىنىڭ ھېسسىياتلىق رومانتىك پەسلى، تاغ-دالىلارنى قاپلىغان رەڭگارەڭ تاغ گۈللىرى، كىمخاب كەبى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، تاغ باغرىدىكى ئوت-چۆپلەر كىشىنى خۇددى سېھىرلىك ئالەمگە كىرىپ قالغاندەك ھاياجانغا سالىدۇ.

جوۋ شياۋدۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ جاينىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى، تاڭبۇلا يايلىقىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەن.

جوۋ شياۋدۇڭ بىلەن بىرگە كەلگەنلەردىن يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھىرى ۋۇجىن رايونى مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ رۈيمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ نەزەرىدە تاڭبۇلا يايلىقىدا خۇش پۇراق ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن، ئېقىن سۇلار ئۆركەشلەپ ئېقىپلا قالماي، يەنە قارلىق تاغ شەمشادى چاقناپ تۇرغان، بۇ جاي ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي بولۇپلا قالماي، يەنە رەسىم سىزىدىغان تېخىمۇ ياخشى جاي ئىكەن.

«ۋاقىت چەكلىك بولغاچقا، بىز نىلقا شەھىرىدە پەقەتلا ئۈچ كۈن تۇردۇق، بۇ ئۈچ كۈن بارلىق مەنزىرىلەرنى تولۇق كۆرۈشكە يەتمىدى، شۇڭا بۇ قېتىمقى سەپەردە ئازراق ئەپسۇسلاندۇق، لېكىن بۇ، كېلەر قېتىم يەنە نىلقىغا ساياھەتكە كېلىشنىڭ گۈزەل سەۋەبىگە ئايلاندى.»دېدى جاڭ رۇي.

چاڭجوۋ شەھىرى ۋۇجىن رايونى دەل شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان رايون، ۋۇجىن رايونىدىكى رەسساملارنى رەسىم سىزىشقا تەكلىپ قىلىش مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشنىئۈمىد قىلىمىز. ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 20 تۈركۈم يۈزگە يېقىن رەسسام نىلقىغا كېلىپ ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، نىلقا ناھىيەسىدە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى يەتتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو • شىنجاڭ شېرىن نىلقا ھەسەل ھەرىسى مەدەنىيەت -ساياھەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ چاغدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق رەسساملار تەكلىپ قىلىنىپ، «يۈز كىشى يۈز چاقىرىملىق رەسىم سىزىش، يۈز چاقىرىمدا يۈز مەنزىرە سىزىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇلۇپ، رەسسامنىڭ قەلىمى ئارقىلىق يايلاققا ھۆسىن قوشۇلىدىكەن.