يازدىكى توغراقلىق قاشتېشىدەك گۈزەل، كەچ كۈزدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىقتىن قېلىشمايدۇ

日期:2019年07月12日
来源:天山网
【字体:

بۈگۈر ناھىيەسى تارىم توغراقلىق باغچىسىدىكى يېشىل توغراقلار

تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان مىڭ چاقىرىملىق توغراقلىقنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلدە ئۆزىگە خاس مەنزىرىسى بار. ياز پەسىلى 6-ئايدا، گەرچە توغراقلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس يېشىللىق گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرلار «يېڭى دەۋر. بەختلىك، گۈزەل يېڭى چېگرا رايون. شىنجاڭ ياخشى جاي» تور باش تېما پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تارىم توغراقلىق باغچىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ يا توغراقلىقتا سەيلە قىلىپ توغراقلارنى تاماشا قىلىۋاتقانلىقىنى، يا 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆرۈش مۇنارىغا چىقىپ باغچىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىگە نەزەر تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«كۆرۈش مۇنارىدىن يىراقلارغا نەزەر سالسا، كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن.» دېدى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ ۋېي.

بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فەن ۋېيمىننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۈگۈر ناھىيەسى ناھىيە ئىچىدىكى توغراقلىقنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپلا قالماي، توغراقلىقتا كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈر ناھىيەسى ھەر يىللىق يازلىق سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تارىم توغراقلىق رايونىدا كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى ياساپ، توغراقلىقنى سۇغارغان.

«توغراقلىقنى تاماشا قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە پەخىرلەندىم.» دېدى شۇ يەردە توغراقلىقنىڭ <تىرىك خەرىتە>سى دەپ نام ئالغان ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ۋاڭ شياڭباۋ.

ھازىر، بۈگۈر ناھىيەسى توغراقلىق مۇھاپىزەت ئەترىتىمۇ دەسلەپتىكى ۋاڭ شياڭباۋ بىرلا ئادەمدىن، 19 توغراقلىقنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش پونكىتىغا، 200 دىن ئارتۇق ئورمان مۇھاپىزەتچىسىگە كۆپەيگەن. بۈگۈر ناھىيەسى توغراقلىق بايلىقىغا تايىنىپ، دۆلەت AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇپ چىققان.

بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تەبىئىي توغراقلىق تارىم دەرياسى تەبىئىي مەنزىرىسى، توغراقلىق مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسى بىر گەۋدە قىلىنغان، توغراقلىقنى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جايلارنىڭ بىرى. مۇخبىرلارنىڭ بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۈگۈر ناھىيەسى تارىم توغراقلىق باغچىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. بۇ يىل، يەنە باغچىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارىدىكەن.