تىيانشان يېزىسىدا سالقىنلاش

日期:2019年07月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تېغى جىلغىسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قومۇل ئېۋىرغول رايونى تىيانشان يېزىسىدا كىشىلەر تار ۋە ئۇزۇن تاغ جىلغىسىدا دەريانى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان، سالقىن، جىمجىت ياز كۈنلىرىدە تىيانشان يېزىسى كىشىلەرنىڭ ئىستىراھەت قىلىپ، ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان ياخشى جايىغا ئايلانغان.

تىيانشان يېزىسىنىڭ ئوت-چۆپلىرى ياپيېشىل، ھەر خىل تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان، ئالتۇن رەڭلىك ئۆرۈكلەرنىڭشاخلىرى ئېگىلگەن؛ قارلىق تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن دەريا ئېقىنلىرى ئۆركەشلەپ ئېقىپ، قومۇلدىكى مۇھىم شىچېڭزى سۇ ئامبىرىغاسۇ مەنبەسى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا كەنتلەرنى ياشارتىپ سالقىنلىتىدۇ؛ تەكشى ئاسفالىت يول كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، كىشىلەر مۇھىتقا قاراپئارامگاھ قۇرۇپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز ھويلا-ئارانلىرىدىلا ھەميانلىرىنى توپمايتتى.

شەھەر رايونىدىكىكىشىلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆزلىرىگە تۇز ۋە زىرە سېپىپلا كاۋاپقا ئايلاندۇرغىلى تاسلا قالدى، 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تىيانشان يېزىسى سىزنى ئىسسىقتىن خالاس قىلىدۇ، يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىسىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئېلىپ، يېقىن دوستلىرىڭىزنى چاقىرىپ، تىيانشان يېزىسىغا بېرىپ سالقىنداپ كېلىڭ.