شىنجاڭ: قۇملۇق ساياھىتى ئالتۇن پەسىلىنى كۈتۈۋالدى

日期:2019年07月04日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر تۆگە مىنىپ ئوينىماقتا.

7-ئاي كىرىپ، شىنجاڭ قۇملۇق ساياھىتىنىڭ ئالتۇن پەسىلىنى كۈتۈۋالدى. «شەھەر ئىچىدىكى قۇملۇق» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقىدا جايلاردىن بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە داڭلىق رايونى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياز كىرگەندىن بۇيان، قۇملۇق مەنزىرە رايونىكۈندىلىك كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئوتتۇرىچە مىقدارى 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 360 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %51 ئاشقان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دى لېي فوتوسى)

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر قۇملۇقتايۈرۈپ، قۇم بارخانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتتى.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر ئۈچ بۇرجەك قاناتلىق پلانېرنى ھېس قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر سەيلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىغا كىردى.