ئۈرۈمچىدىكى 23 مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىدە ئېتىبارلار بار

日期:2019年07月02日
来源:天山网
【字体:

تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى يېقىن، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قاراماي مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىياتى ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى، «بەش ۋىلايەت، شەھەر» ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا ساياھەت قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قاراماينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ.

ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ 100 كۈن ئىچىدە، «بەش ۋىلايەت، شەھەر» ئاھالىلىرى «100 كۈنلۈك تىيانشان ساياھىتى. بىر كىنىشكا بىلەن بەش جايغا نەپ يەتكۈزۈش» ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان 100 ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مەدەنىيەت سورۇنىنىڭ كىرىش بېلىتىدە %50 ئېتىبار قىلىنىدىكەن ھەتتا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 23ى بار ئىكەن.

يەتتە مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىدە %50 ئېتىبار قىلىنىدىكەن

ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى

خۇڭگۇاڭشەن مەنزىرە رايونى

شىنجاڭ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيەلىك مەركىزى

قارلىق چوققا بۈركۈت جىلغىسى

خۇڭۋەن گۈل دېڭىزى

شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى

ھەقىقىي دېكراتسىيەلىك تىياتىر «كوئىنلۇن ئۇچرىشىشى»

16 مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى

يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسى

شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسى

ئوتتۇرا ئاسىيا ئالتۇن، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، قاشتېشى كەسىپلەر باغچىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي

شىمىگۇ مەنزىرە رايونى

خۇڭسەن باغچىسى

يەنجىڭ شېنمۇيۈەن

بالىلار باغچىسى

نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى

ماۋ زېمىن تۇرالغۇسى

غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيى

خاشيۇڭ جىلغىسى ساياھەت رايونى