كۈچنى بىرىكتۈرۈپ پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش

日期:2019年06月28日
来源:新疆日报
【字体:

«ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قاراماي» مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىياتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

كۈچنى بىرىكتۈرۈپ پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش

«100 كۈنلۈك تىيانشان ساياھىتى. بىر كىنىشكا بىلەن بەش جايغا نەپ يەتكۈزۈش» ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يولغا قويۇلدى

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئارتىسلار نومۇر ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، «تارىخىي داستان نۇرى . بۈركۈتلەر ئۇچرىشىشى» 2019- يىللىق ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت پەسلىنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ سومتاشتىكى كۇيۈكتوقاي سۇلۇق يېرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

«قارامايدىكى سىرلىق تۈسكە تولغان دۇنيا ئالۋاستى شەھىرىدىن تۇرپاندىكى ئەڭ مەشھۇر يالقۇنتاغقىچە، يەنە گۈزەل جامبۇلاققىچە بولغان ھەربىر مەنزىرە نۇقتىسى كىشىنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىدۇ!» 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، «100 كۈنلۈك تىيانشان ساياھىتى. بىر كىنىشكا بىلەن بەش جايغا نەپ يەتكۈزۈش» ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى شەھىرى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى كوچىسى ۋۇسەي شىنچېڭ مەھەللىسىنىڭ مۇنەۋۋەر پىدائىيلار ۋەكىلى فەن گۈيچۇەن ساياھەت ئۆمىكىدىكى باشقا 99 ئەزا بىلەن بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) بىلەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، شىخەنزە شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى(مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى «<تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى يېقىن> ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قاراماي مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما، ماس تەرەققىياتى ئورتاق تونۇشى»نى ھاسىل قىلدى(تۆۋەندە «ئورتاق تونۇش» دېيىلىدۇ) ھەم «100 كۈنلۈك تىيانشان ساياھىتى. بىر كىنىشكا بىلەن بەش جايغا نەپ يەتكۈزۈش» ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

«ئورتاق تونۇش»قا ئاساسەن، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە، قارامايدىن ئىبارەت بەش جاي ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورتاق قۇرىدۇ، بازارنى ئورتاق ئاچىدۇ، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، بىرلىكتە تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرىدۇ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا ساياھەت قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ.

«100 كۈنلۈك تىيانشان ساياھىتى. بىر كىنىشكا بىلەن بەش جايغا نەپ يەتكۈزۈش» بەش جاينىڭ «ئورتاق تونۇش»ىدىكى مۇھىم ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، 6- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە، بەش جاي ئاھالىسى ئاھالىلەر كىملىكى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان 100 ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مەدەنىيەت سورۇنىدا %50 ئېتىبار بېرىش ھەم ھەقسىز بولۇش قاتارلىق ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 42 مەنزىرە رايونىدا يېرىم باھا يولغا قويۇلىدۇ، 60تىن ئارتۇق ساياھەت رايونى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ تىزىملىكى قەغەز تاراتقۇ، تېلېۋىزىيە، يان تېلېفون قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنىدۇ.

6- ئايدىن باشلاپ، يەنە «پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇش» «1- ئىيۇل»نى تەبرىكلەش قىزىل نادىر باش تېمىلىق جىڭجۈ تىياتىرى كېچىلىكى، «يىپەك يولى شىنجاڭ مەنزىرىسى تىيانشاننى ئايلىنىش ساياھىتى چىپاۋ كۆرگەزمىسى» «كېچىدىكى كىروران» قۇمتاغ قۇملۇقى ئەمەلىي مەنزىرە سەھنە تىياتىر ئويۇنى، «ئاھ، مېنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىي ئاتا - ئانام» پاسىل ھالقىغان مەنزىرە كونسېرتى، سەككىز ئات بازىرى پىۋا مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق جەمئىي 40 تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىگە ساياھەتچىلەر ئورتاق ھۇزۇرلىنىش ۋە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ، پائالىيەت 12- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جۇ شىنرۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياز پەسلىدىكى ساياھەت جانلانغان مەزگىلدە مۇھىم ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنداق سالماق ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئىكەن.

«تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان 100 ساياھەت مەنزىرە رايونىغا بەش جاينىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ جەۋھىرى جۇغلاندى، 42 مەنزىرە رايونىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، نۇرغۇن مەدەنىيەت سورۇنلىرىدا ئاھالىلەرمۇ %50 ئېتىبار بېرىش ھەم ھەقسىز بولۇش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بىر مەزگىل يولغا قويغاندىن كېيىن، بىز يەنە يېرىم باھالىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مول ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى ئارقىلىق، ساياھەت يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى ۋە مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي>نى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرىمىز» دېدى جۇ شىنرۇڭ.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، بەش جاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى ئېسىل ساياھەت تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بەش سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر يان تېلېفوندا تىيانشاننى ساياھەت قىلىش» ئاقىل ساياھەت تۈرىنى نامايان قىلدى.

شۇ كۈنى، خىزمەت ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغار شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن «100 كۈنلۈك تىيانشان ساياھىتى. بىر كىنىشكا بىلەن بەش جايغا نەپ يەتكۈزۈش» جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ تۇنجى يولغا چىقىش ئۆمىكى ئۆز قەرەلىدە سەپەرگە ئاتلاندى.