باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى ئېچىلىش پەسىلىنى كۈتۈۋالدى

日期:2019年06月13日
来源:天山网
【字体:

كىچىك دوستلار بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىنى ھېس قىلماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر خې ياڭ فوتوسى، خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو شىخەي. باغراش كۆلى 11 -نۆۋەتلىك ئېچىلىش پەسلى باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى)دا رەسمىي باشلاندى. «شىخەي بىرىنچى قازىنى» 10 مىڭ كىشىلىك زۇڭزا زىياپىتى، ئومۇمىي خەلق بېلىق تۇتۇش، دۇەنۋۇدا قارماق سېلىش، بوشلۇقتا پاراشوت ئېچىش، ئەجدىھا باشلىق چوڭ سىيرىلغۇچ قاتارلىق يۈرۈشلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر پۇخادىن چىققۇدەك ئوينىدى، مەنزىرە رايونىنىڭھەممە يېرى كۈلكە سادالىرى بىلەن تولۇپ، باغراش كۆلىنىڭ يازلىق ساياھەت دولقۇنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

پائالىيەتتە، «شىخەي بىرىنچى قازىنى»دىكى زۇڭزىنىڭ خۇشپۇرىقى مەنزىرە رايونىنى قاپلىدى، ساياھەتچىلەر نەق مەيداندا 10 مىڭ كىشىلىك زۇڭزا زىياپىتىگە ئېغىز تېگىپ، زۇڭزا زىياپىتىنىڭ تەييارلىنىش پۈتۈن جەريانىنى ھېس قىلدى، تاڭزۇڭزا يېيىش، چامباشچىلىق ماھارىتىدە بەسلىشىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچى باغراش كۆلى بويىدا خۇشال-خۇرام، ئىناق دۇەنۋۇ كاتتا بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، باغراش كۆلى قومۇشى، باغراش كۆلىدىكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدىن زۇڭزا تەييارلاپ «زۇڭزا مەدەنىيىتى»نى ھېس قىلدى.

«شىخەي بىرىنچى قازىنى»نىڭ دىئامېتىرى 4 مېتىر، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 3 توننا كېلىدۇ. باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا كاتتا بايرام تەنتەنىسى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە «شىخەي بىرىنچى قازىنى» ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، 10 مىڭ كىشىلىك ياۋا بېلىق زىياپىتى، 10 مىڭ كىشىلىك تاڭزۇڭزا زىياپىتىنىڭ ھەممىسى كوزىرلارنىڭ بىرى خالاس، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ كىشىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. كورلىدىن كەلگەن ساياھەتچى لىگۇ مېينا مۇنداق دېدى: «بۇرۇنلا شىخەي بىرىنچى قازىنىدا پىشۇرۇلغان 10 مىڭ كىشىلىك زۇڭزا زىياپىتىگە ئېغىز تېگىشنى ئويلىغان ئىدىم. تاڭزۇڭزا ناھايىتى يېيىشلىك، تەمى ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن.»

ئومۇمىي خەلق بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، سەيلە قىلغىلى كەلگەن نۇرغۇن كىچىك دوست پۇچقىقىنى تۈرۈپ، ئايىغىنى سېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن بېلىق كۆلچىكىگە سەكرەپ، كىچىك قوللىرى بىلەن بېلىق تۇتتى. «بۇ يەردە بۇ يەردە، مەن بىر تالنى تاپتىم!» بىر مەھەل، بېلىق كۆلچىكىنىڭ ئىچى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، كۈلكە سادالىرى، بۇژغۇن ئاۋازى، مەدەت بەرگەن ئاۋازلار ئۈزۈلمىدى، كىچىك دوستلار ھاياجانلاندى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان ساياھەتچىلەرمۇ ئۇلارغا مەدەت بەردى.

شىئەنلىك ساياھەتچى گو خەيچېڭنىڭ تۇنجى قېتىم باغراش كۆلىگە كېلىشى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «باغراش كۆلىنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن گۈزەل، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىمۇ ئىنتايىن مۇكەممەل ئىكەن، كېلەر قېتىم مەن ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ساياھەت قىلىمەن.»