جۇڭگو ساياھەت-مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ۋە مەززىلىك تائاملار بايرىمى فىجىدا باشلاندى

日期:2019年06月02日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، فىجىنىڭ سۇۋادا، جۇڭگو نىڭشيادىن كەلگەن ئارتىسلار نومۇر ئورۇندىماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: بەش كۈن داۋاملىشىدىغان جۇڭگو ساياھەت-مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ۋە مەززىلىك تائاملار بايرىمىنىڭ پائالىيەتلىرى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ فىجى پايتەختى سۇۋادا باشلاندى، جۇڭگو ۋە فىجىدىن كەلگەن 200دىن كۆپ ئەزىز مېھمان ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مېھمانلار جۇڭگو نىڭشيانىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نەپىس سۈرەتلەر ۋە جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى، نىڭشيادىن كەلگەن سەنئەتكارلار ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى، جياڭسۇدىن كەلگەن ئاشپەز ئۇستام مېھمانلارنىڭ ھۇزۇرىغا خۇەيياڭ قورۇمىلىرىنى سۇندى. (جاڭ يۇڭشىڭ فوتوسى)

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، فىجىنىڭ سۇۋادا، جۇڭگونىڭ فىجىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چيەن بو (ئوتتۇرىدا) بىلەن فىجى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى دېڭ شيەنفۇ (سولدا) مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ، كۆرگەزمە قىلىنغان نادىر سۈرەتلەرنى كۆرمەكتە.