ئاقسۇ 15-نۆۋەتلىك «دولان . كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى باشلاندى

日期:2019年05月24日
来源:天山网
【字体:

تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر بىرلىكتە ساياھەت كاتتا زىياپىتىگەباردى

مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى ئاقسۇنى ئايلانماقتا.

رەڭلىك ئىس-تۈتەكلەر، ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى،كۆزنى چاقنىتىدىغان قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى... 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرىدىكى كىنو بازىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەملەر مىغ-مىغ ئىدى، ئاقسۇ 15-نۆۋەتلىك «دولان . كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى بۇ يەردە باشلاندى. شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەت سودىگەرلىرى، 2019 جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار ھەمدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ قېتىملىق ساياھەت كاتتا زىياپىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.

ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى تولىمۇ قالتىس بولدى

ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، بەلدۇمباق، ياڭگىر ئۇسسۇلى پۈتكۈل پائالىيەت مەيدانىنى ناھايىتى قىزىتىۋەتتى، ئاقسۇ 15-نۆۋەتلىك «دولان . كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇشۇنداق كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى.

ھۆرمەت توپىنىڭ ئېتىلىشى، تىنچلىق كەپتىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، ئارتىسلار كۆركەم كىيىملەرنى كىيىپ سەھنىگە چىقتى، مەزمۇنى مول، رەڭدار ئېسىل نومۇرلار بىر-بىرلەپ ئورۇندالدى، مۇزىكىلار كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، نەق مەيداندىكى كەيپىيات يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئۆزگىچە كۆرۈش-ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى سۇنۇلدى.

«ئۆزۈمنىڭ ئاقسۇلۇق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن!» دېدى ئاقسۇ شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ يۈلىن سەھنىدىن كۆزىنى ئۈزمەي، «بۇ ئويۇن بەك قالتىس بولدى، بىزنىڭ ئاقسۇدىكى ئارتىسلارنىڭ بۇنداق نادىر نومۇر ئورۇنلايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، تېلېۋىزوردا كۆرگەن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن قەتئىي قېلىشمايدىكەن. ئارتىسلار ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمەن، نادىر نومۇرلارغا ئالقىش ياڭرىتىمەن!»

ئاقسۇ شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن نەق مەيدان ناھايىتى قىزىپ كەتتى، نومۇرلار ئىنتايىن ئېسىل بولدى، مېنىڭ ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر دوستۇم كۆرگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئاقسۇدىكى قىزلارنى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، ئۇسسۇلنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئوينايدىكەن! دەپ ماختاپ كەتتى».

«مەن بۈگۈن ئوغلۇمنى ئېلىپ كېلىپ بىللە پائالىيەتكە قاتناشتىم، نادىر نومۇرلارنى كۆرگەندىن سىرت، يەنە ئالايىتەنبېرىپ ئىلگىرى تېلېۋىزوردىلا كۆرەلەيدىغان ئېسىل مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنى كۆردۇق، ئوغلۇم خۇشاللىقىدىن چۇرقىراپپۇخادىن چىقتى.» دېدى ئاقسۇ شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ مېي.

خاس ساياھەت تاۋارلىرى قارشى ئېلىندى

«بۇ ياغاچ چۆچەك قانچە پۇل؟ نېمە ياغىچىدا ياسالغان؟ يېرىلىپ كېتەمدۇ؟» شۇ كۈنى، مۇخبىرلار ئاقسۇ خاس مەدەنىيەت-ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا ياغاچ ئويما، ياغاچ چۆچەك، ياغاچ ئىستاكان قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۆرۈش ۋە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

«چۆچەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ، باھاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھەممىسى توغراق ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالاھىدە زىيانسىز بىر تەرەپ قىلىنغان، يېرىلىپ كەتمەيدۇ.» بۇ كۆرگەزمە رايونىنىڭ مەسئۇلى ئالىمجان ئوسمان سەۋرچانلىق بىلەن ساياھەتچىلەرگە مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇردى، «ھەربىر مەھسۇلاتىمىز قويۇق رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئۆزى ئىشلىتىشكەياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە سوۋغا قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.»

«بۈگۈن سودا ناھايىتى ياخشى، تىجارەت باشلاپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىلا 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم.» ئالىمجان ئوسمان تىجارەت قىلغاچ، خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا شۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئادەم كۆپ بولسا سوداممۇ ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

«مەن ئۇنى تونۇيمەن، ئۇ توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى قول ھۈنەر چالغۇئەسۋابلىرى ۋارىسى.» توقسۇ ناھىيەسى كۆرگەزمە رايونىدا نەق مەيداندا دۇتار چېلىپ ئولتۇرغان ھېيت ئىمىن نۇرغۇن ساياھەتچىنىجەلپ قىلدى، كۆپچىلىك دورا-دەرمەكتە پىشۇرۇلغان كەپتەر گۆشى، قول ھۈنەر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىسېتىۋالغاندىن سىرت، ھېيت ئىمىن بىلەن بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

«مەن ئىككى يىل ئىلگىرى توقسۇ ناھىيەسىدىكى جاي مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا، ھېيت ئىمىننىڭ نەق مەيداندا چالغۇ ئەسۋابى ياساۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، بۈگۈن ئاقسۇ شەھىرىدە ئۇنى قايتا ئۇچرىتىپ ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلدىم. ئۇلارنىڭ كەنتىدە ئىشلەنگەن قول ھۈنەر چالغۇ ئەسۋابلىرىئىنتايىن ياخشى، مەن ئۈچنى سېتىۋېلىپ، ئىچكىرىدىكى دوستلىرىمغا سوۋغا قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.» دېدى ئاقسۇ شەھەر ئاھالىسى جوۋ ۋېنچياڭ مۇخبىرلارغا.

ياغاچ ئويما، ياغاچ چۆچەك، قول ھۈنەر چالغۇ ئەسۋابلىرى، دورا-دەرمەكتەپىشۇرۇلغان كەپتەر گۆشىدىن باشقا، كۆرگەزمە رايونىدا يەنە گۈل ئويۇلغانقاپاق، دوپپا، مىللىيچە كىيىم-كېچەك، خاس كەشتە بۇيۇملىرى، جىغان ھارىقى، چىلان ھارىقى، شايار پىچىقى، كەلپىن ياغاچ قوشۇقى قاتارلىقلار بار. باي ناھىيەسىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدىكى ئىككى كۆرگەزمە بۇيۇمى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقىلا قويۇلغان بولۇپ، سېتىلمىدى، لېكىن نۇرغۇن ساياھەتچى، بولۇپمۇ خانىم-قىزلاربۇ ئىككى كۆرگەزمە بۇيۇمىغا بەكلا قىزىقتى، بۇ ئىككى كۆرگەزمە بۇيۇمى زادى نېمە؟ بۇلار يىپەك رومال ئىدى.

بۇ ئىككى يىپەك رومالنىڭ گۈللىرى باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىكى نەقىشلەرگە ئاساسەن بېسىلغان، ئىككى يىپەك رومالغا قىزىل مىڭئۆي تام رەسىم نەقىشلىرى تولۇق «نۇسخىلانغان» بولۇپ، كىشىگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرەتتى.

«بۇ، ناھىيەمىز قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىگە ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە لايىھەلەپ چىققان ئىككى يىپەك رومال،ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ ئىككى كۆرگەزمە بۇيۇمىغا بولغان ئىنكاسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بۈگۈنبۇ يەرگە ئېلىپ چىقىپ كۆرگەزمە قىلدۇق.ئىنكاس ياخشى بولسا بىز تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىمىز، ئاندىن خاس ساياھەت مەھسۇلاتى سۈپىتىدە ساتىمىز.» دېدى باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاۋ جياڭپىڭ مۇخبىرلارغا.

«بۈگۈن نۇرغۇن ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى سېتىۋالدىم، بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمگە سوۋغا قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ئىشىنىمەنكى ئۇلار چوقۇم ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.» دېدى خۇنەن چاڭشادىن كەلگەن ساياھەتچى ساۋ لىجۈەن چوڭ-كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرگىنىچە خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا، «ئاقسۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ياخشى جاي ئىكەن، مەن بۇ يەردە مەنزىرىلەرنى ياخشى تاماشا قىلىمەن.»

«تەكلىماكاننى ئايلىنىش» مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرىنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى

2019 جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىدە ئاپتوموبىل يولغا چىقىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقسۇ 15-نۆۋەتلىك «دولان . كۈسەن» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى مۇسابىقە ئۈچۈن شەھەرنى ئايلىنىش پائالىيىتىنى ئالايىتەن ئورۇنلاشتۇردى، شەھەرنى ئايلىنىش لىنىيەسى ئاقسۇ شەھىرى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى — دولان دەرياسى مەنزىرە رايونىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، پائالىيەت ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرىغا ئاقسۇنىڭ شەھەر قىياپىتى نامايان قىلىندى.

«ئاقسۇ بىر گۈزەل جاي ئىكەن، مەن بەك ياخشى كۆردۈم، كېيىن چوقۇم ئاقسۇغا كېلىپ ساياھەت قىلىمەن. بۈگۈندىن باشلاپ، بىز تەكلىماكاننى ئايلىنىش جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىگە ئاتلاندۇق، بىز يېڭى بىر ئەۋلاد رۈيخۇ 8 ئاپتوموبىلى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇق، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلگىنى ئەڭ كۈچلۈك <جۇڭگو ئۆزىكى> چىرۈي 1.6 لىك موتور بولۇپ، ئاپتوموبىلنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشەپ رىقابەتكە يۈزلىنىمىز.» شەھەر ئايلىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەنخۇي چىرۈي رۈيخۇ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ دىرېكتورى، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرى تاۋ پېڭفېي مۇخبىرلارغا شۇنداق دېدى.

شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر چاڭچېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ يېتەكچى دىرېكتورى جاڭ يىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار بۇ قېتىم مۇسابىقىگە تۆت موتوسىكلىت، تۆت مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قاتناشتۇرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاقسۇ بۇ چوڭ مۇسابىقە ئۈچۈن نۇرغۇن تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ، بىزدەك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرىغا شۇنچە ياخشى مۇسابىقە شارائىتى يارىتىپ بېرىپتۇ، ئاپتوموبىل ئەترىتىمىزدىكى بارلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرى، ئەزالار ئاقسۇنىڭ بارغانسېرى گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

بېيجىڭدىن كەلگەن دالا شەخسىي ئاپتوموبىلى ئەترىتىدىكى 104-نومۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ يول باشلىغۇچىسى مېڭ بىن مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ ئاقسۇغا تۇنجى كېلىشىم، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇ شەھەر ناھايىتى گۈزەل، ناھايىتى زامانىۋى ئىكەن، مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن پۈتۈنلەي ئېشىپ چۈشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىرەرسىئاقسۇنى تىلغا ئالسا، مەن باش بارمىقىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا: ئۇ بىر ئىنتايىن چىرايلىق شەھەر، دەيمەن!»

شۇ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى كىنو بازىرىدا، ھەر خىل دالا ئاپتوموبىللىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك فوتوئاپپارات، يان تېلېفونقاتارلىقلارنى چىقىرىپ بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتتى. ھەربىر ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىگە چىقىش ئالدىدىكىئاپتوموبىللارنى جىددىي تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى، ھەربىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مۇسابىقە ئالدىدىكى تەييارلىقلارنى قىلدى، ھەربىر مەسئۇل كىشىمۇئوخشاشلا ئالدىراش بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

ساياھەتچىلەر ئاقسۇ خاس مەدەنىيەت-ساياھەت تاۋارلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.