شىنجاڭ سەپىرىڭىزدە قەدىمىڭىزنى توختىتىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان «ئۆتەڭ بېكەتلەر»!

日期:2023年11月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭباي ناھىيەسى

جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ پاسىل سىزىقىغا جايلاشقان

«ئەڭ گۈزەل تاشيول» مايتاغ-كۇچا تاشيولى بىلەن قوشنا

مەنزىرىسى گۈزەل ئىلى بىلەن ئاقسۇغا تۇتىشىدۇ

سۇ ۋەئوت ـ چۆپلىرى مول، ئۇزاق مەدەنىيەتكە ئىگە،مەنزىرىسى گۈزەل

شىنجاڭ سەپىرىڭىزدە قەدىمىڭىزنى توختىتىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان «ئۆتەڭ بېكەت»

ئۇنداقتا بايغا قانداق بارىمىز

ئايرودۇرۇمدىن يولغا چىقىش:

ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىل بىلەن باينىڭ مەركىزىي ناھىيە رايونىغا بېرىشقا 2 سائەت 30 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 155 كىلومېتىر، G579، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئۆتىدۇ.

كۇچا كۈسەن ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ ئاپتوموبىل بىلەن باينىڭ مەركىزىي ناھىيە رايونىغا بېرىشقا ئىككى سائەت 30 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 115 كىلومېتىر، S307، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدىن ئۆتىدۇ.

ۋوگزالدىن يولغا چىقىش:

ئاقسۇ ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ ئاپتوموبىل بىلەن باينىڭ مەركىزىيناھىيە رايونىغا بېرىشقا 2 سائەت 48 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ،، ئومۇمىي مۇساپىسى 165 كىلومېتىر، G579، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئۆتىدۇ.

كۇچا ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ ئاپتوموبىل بىلەن باينىڭ مەركىزىي ناھىيە رايونىغا بېرىشقا 2 سائەت 44 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 120 كىلومېتىر، S307، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن ئۆتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەيلى قايسى تەرەپتىن بايغا بېرىڭ، سىز S307 نى بويلاپ باينىڭ ناھىيە بازىرى رايونىغا كىرسىڭىز، بۇ يەردەيېڭىدىن قۇرۇلغان باي ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتى يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزىدە بەھۇزۇر دەم ئالالايسىز.

باينىڭ ھەر بىر دۇقمۇش، ھەر بىر نۇقتىسىدىكى مەنزىرىسى خۇددى ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ، خىيالىي ھەم رومانتىك. سىز پەقەت قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىپ، يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنى جىمجىت ھېس قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

شىنجاڭ باي ناھىيەسى

قىزىل مىڭئۆي

بۇ مىڭئۆي باي ناھىيەسى قىزىل بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مىڭئۆي تېغىدىكى تىك يارغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان چوڭ تىپتىكى مىڭئۆي توپى ھېسابلىنىدۇ، 2014-يىلى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

قىزىل مىڭۆيدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى 4000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى يەككە يۆنىلىشلىكبەدىئىي تۈزۈلۈش قوللىنىلغان، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك.

ئۇنىڭدىن باشقا، تام رەسىملىرىدىمۇ ئەينى چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە ئەينى چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى نامايان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ باي ناھىيەسى

ئۇيسۇن قەدىمىي يولى

سۈرەت مەنبەسى: @يۇۋ شيافېڭ

ئۇيسۇن قەدىمىي يولى شىمالدا چوڭقۇشتاي كەنتىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا باي ناھىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسىغىچە بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 130 كىلومېتىر ئەتراپىدا. يولدا قارلىق تاغلاردىن، داۋانلاردىن، ئىپتىدائىي ئورمانلىقلاردىن ئۆتۈپ، كۆپكۆك كۆللەر بىلەن ئۇچرىشىمىز ... قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن مەنزىرە تەڭ گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، شىنجاڭدىكى «ئالىي دەرىجىلىك مەنزىرە پىيادىلەر يولى» دەپ ئاتالغان. شاتا قەدىمىي يولى، بۆرە مۇنارى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك پىيادە مېڭىش لىنىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: @يۇۋ شيافېڭ

ئۇيسۇن قەدىمىي يولى پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى ئىنتىلىدىغان يول. سان-ساناقسىز گۈزەل مەنزىرىلىرى بار بولغان شىنجاڭدا، ئۇيسۇن قەدىمىي يولى يەنىلا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. چوڭقۇشتاي قەدىمىي دەرەخلىك ئورمانلىقى، ھەم يىراق ھەم يېقىن كۆرىنىدىغان تىيانشان قارلىق چوققىلىرى، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ئېقىنلار، يول بويىكۆز ئالدىمىزدا رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركەنگەنئېگىز تاغ چىملىقلىرى ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇپ تۇرىدۇ ...... كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغىنى يەنىلا تاغلار بىلەن ئورالغان كۆل بولۇپ، كۆپكۆك كۆل سۈيى ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلار، كۆل يۈزىدە ئەكس ئەتكەن ئەتراپتىكى ئېگىز تاغ چوققىلىرىنىڭ سىيماسى بۇ يەرنى خۇددى جاھاندىكى ئەڭ گۈزەلماكانغا ئايلاندۇرىدۇ.

شىنجاڭ باي ناھىيەسى

قىزىل تاش ئورمىنى

سۈرەت مەنبەسى: @يەن مياۋجىن

باي ئويمانلىقى بىلەن شەرقىي شىمال قىسمىدىكى قېيىر تېغى ئارىسىدىكى پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي يەر شەكلى شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، يەر شەكلى ئۇپراش، شامالدا يىمىرىلىش ۋە ئېقىن سۇنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن___ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا سوزۇلغان جىلغا ۋە جىلغا ئارىسىدىكى قىرلار، تۆپىلىكلەر، يالغۇز بارخانلاردىن تەركىب تاپقان. ئەگرى-بۈگرى، چوڭ-كىچىك جىلغىلار ئىچىدە قوڭۇر قىزىل، سارغۇچ يېشىل، كۈلرەڭ يېشىل توپا دۆۋىلىرى قاتمۇقات بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: @يەن مياۋجىن

بۇ يەر يامغۇر ئاز ياغىدىغان، شامال كۆپ چىقىدىغان قۇرغاق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، چوقچىيىپ چىقىپ قالغان تاشلار قارا يامغۇرنىڭۋە بوراننىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن ھاسىل بولغانئوخشاش بولمىغان تاش قاتلاملىرىئادەم، تاشپاقا، تۆگە، كارپ بېلىقى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغانھەر خىلشەكىللەرنى ھاسىل قىلغانىدى.

شىنجاڭ باي ناھىيەسى

تۇزلۇق سۇ جىلغىسى

سۈرەت مەنبەسى: @ Miss24k

كۇچا ناھىيەسىدىن مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى بويلاپ شىمالغا 10 كىلومېتىر ماڭغاندا، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدە چوقچىيىپ تۇرغان تاغ گەۋدىسى كۆرۈنىدۇ، بۇ دەل داڭلىق «تۇزلۇق سۇ جىلغىسى».

سۈرەتنىڭ مەنبەسى: @ Miss24k

تۇزلۇق سۇ جىلغىسىنىڭ ئېگىزلىكى 20 نەچچە مېتىردىن ئاشمىسىمۇ، لېكىن تاغ چوققىسى خۇددى پىچاقتا تەكشى كېسىپ قويغاندەك بىر تەرەپكە يانتۇ بولۇپ، كېڭىيىش كۈچىگە تولغان، تاغ گەۋدىسىنىڭ ئاستى ئاق شور بىلەن قاپلانغان. كەچكى شەپەق غەربكە ئولتۇرغاندا، تاغ گىرۋېكىگە ئالتۇن رەڭدە جىيەك تۇتۇلغاندەك كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

شىنجاڭ باي ناھىيەسى

قىزىل سۇ ئامبىرى

سۈرەت مەنبەسى:@ بېيدۇدىكى يىنجۈ سېڭخو

قىزىل سۇ ئامبىرى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەۋزەل تەبىئىي بايلىققا ئىگە، سۇ دائىرىسى كەڭ، قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك، راۋاقلار تەكشى، ئەتراپىدا غەلىتە چوققا ۋە غەلىتە تاشلار چوقچىيىپ تۇرىدۇ.

سۇ ئامبىرىدا كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك قىياپەت ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەچكە، كىشىلەر ئارام ئالىدىغان ياخشى جايغا ئايلانغان.

شىنجاڭ باي ناھىيەسى

ليېيەن بۇلىقى

سۈرەت مەنبەسى: @مېيياڭگو

ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئوت يالقۇنلىرى، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇلاق سۈيى، كىم سۇ بىلەن ئوت سىغىشالمايدۇ، دەيدۇ. باي ناھىيەسىدىكى ليېيەن بۇلىقىدا، سۇ بىلەن ئوتنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكىنىگە نەچچە مىڭ يىل بولدى.

سۈرەت مەنبەسى:@ مېيياڭگو

ليېيەن بۇلىقى بىر خىل تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، يەر ئاستىدىكى تەبىئىي گاز يەر پوستى ھەرىكىتى ۋە گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىنىڭ تەسىرىدە يېرىق ۋە تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق يەر يۈزىگە چىقىپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، ئوت يالقۇنى ھاسىل قىلىدۇ. لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت بۇلاق سۈيى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سۇدا ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ، ئوتتا سۇ قۇرۇمايدۇ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

ئەگەر سىز بايدىن ئۆتسىڭىز، چوقۇم كەچ سائەت 8-9 لاردا بۇ يەرگە بىر كېلىڭ، ليېيەن بۇلىقىنى چۆرىدەپ ئولتۇرسىڭىز، كەچكى شەپەق نۇرى ئالتۇن رەڭلىك ئالۋاستى شەھىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

لىنىيە تەۋسىيەسى

ئىلىدىن كىرىش

غۇلجا شەھىرى-چوڭقۇشتاي كەنتى-ئۇيسۇن قەدىمىي يولى-قېيىر يېزىسى چارۋىچىلىق مەيدانى-باي ناھىيەسى كانچى سۇلۇق يەر باغچىسى، تېرەك ئارىشىڭى-قىزىل مىڭئۆي

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن كىرسىڭىز

مايتاغ-كۇچا تاشيولى - قىزىل مىڭ ئۆي - باي ناھىيەسى كانچى سۇلۇق يەر باغچىسى، تېرەك ئارىشىڭى - قېيىر يېزىسى چارۋىچىلىق مەيدانى - ئۇيسۇن قەدىمىي يولى - چوڭقۇشتاي كەنتى - غۇلجا شەھىرى