6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرى مەيدانىدا يولغا چىقىشنى كۈتمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شۇ كۈنى، يېرىم يىلغا يېقىن داۋاملاشقان قىشلىق قاتناشنى توختىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار مايتاغ - كۇچا سەپىرىنى باشلاپ، گۈزەل شىنجاڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. □ سۈي ۋېنجۈەن فوتوسى