بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان قايدۇ دەرياسى بويىنىڭ كۈزدىكى مەنزىرىسى ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىدەكلا ئىنتايىن گۈزەل

日期:2022年10月20日
来源:天山网
【字体:

باغراش ناھىيەسىنىڭ قايدۇ دەرياسى بويىدىكى كۈز مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر (10-ئاينىڭ 19-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئالتۇن كۈز پەسلىدە، باغراش ناھىيەسىنىڭ قايدۇ دەرياسى بويىدا كۈز تۈسى قويۇق بولۇپ، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇ، ئالتۇن رەڭلىك ئاق تېرەك، يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشلار «سۇ شەھەردە ئاقىدىغان، شەھەر سۇدا ئەكىس ئېتىدىغان، ئادەملەر سۇ بويىدا ماڭىدىغان» گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. نيەن لېي فوتوسى.