شىنجاڭنىڭ توردا نام چىقارغان بۇ جايلىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈشنىڭ ياخشى پەيتىنى قولدىن بەرمەڭ

日期:2019年04月08日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرنى ئېچىش مۇراسىمى زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى رايونلار قويۇق باھار تۈسىگە كىردى، يىپەك يولى قەدىمىي كوچىسىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرەرايونى، ئونسۇ ناھىيىسى تومور چوڭ جىلغىسى قاتارلىق جايلار كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلبقىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچى لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا لەگلەكئۇچارماقتا.

ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرەرايونى ساياھەتنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مىڭ يىللىق توغراق ئاستىدا بەخىت تىلىدى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات ئۈستىدە ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ماھارەتلىرىنى كۆردى، چېكى يوقتەك كۆرۈنىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدا رەڭگارەڭ لەگلەكلەرنى ئۇچۇرۇپ، ئەتىيازدىكى قۇملۇق جىلۋىسىنى ھېس قىلدى.

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسىيېڭىسار بازىرى ئۇزۇنبۇلاق كەنتىدىكىدېھقان ئۆرۈك دەرىخىنىڭ گۈل پەسلىدىكى پەرۋىشىنى قىلماقتا.

ھازىر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش،تېرىلغۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مېۋىلىك باغ باشقۇرۇشىنى تېزلەتتى، ئېتىزلىقتا ئالدىراشچىلىق مەنزىرەشەكىللەندى.(چۆ•خۇرە فوتوسى)

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىر مەيدان باھار يامغۇرىدىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىنتەخمىنەن بىر كېلومېتىر يىراقلىقتىكى خەيتاڭ يولىدا، ھالرەڭئۆرۈك چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈللەر ئارسىدىكى گۈزەل مەنزىرە دوستلار چەمبىرىكى ۋە «دوۋيىن»كىچىك ۋىدىئوسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، «توردا نام چىقارغان كوچا»غا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلبقىلدى. (پېڭ لېي فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىر مەيدان باھار يامغۇرىدىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىنتەخمىنەن بىر كېلومېتىر يىراقلىقتىكى خەيتاڭ يولىدا، ھالرەڭئۆرۈك چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈللەر ئارىسىدىكى گۈزەل مەنزىرەدوستلار چەمبىرىكى ۋە «دوۋيىن»كىچىك ۋىدىئوسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، «توردا نام چىقارغان كوچا»غا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلب قىلدى. (پېڭ لېي فوتوسى)

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، چەۋەندازلار بورتالا بەيگە مەيدانىدا بەيگىگە چۈشمەكتە.

3-ئاينىڭ 30-كۈنى، بورتالا شەھىرى «ۋەنما» لوڭقىسى ئەتىيازلىق نادام بەيگىسى بورتالابەيگە مەيدانىدا باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 96 «چولپان» بەيگە ئېتى بۇ قېتىمقى بەيگىگە قاتناشتى. ئېسىل بەيگە 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلبقىلدى. (يۈسۈپ غېنى فوتوسى)