ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى«تۈرىھەقىقەتەنكۆپ ئىكەن،كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇۋېتىدىكەن»«شىنجاڭ راستىنلا مېۋە-چېۋە ماكانى ئىكەن»...يېقىندا، «# شىنجاڭنىڭ7-ئايدىكىمېۋە-چېۋە يايمىلىرى مانا مۇنداق #» دېگەن بۇ تېماۋىيبودىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى،پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار بۇ مەزمۇنغابەس-بەستە ئەگىشىپ،ئۆز نەزەرىدىكى شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە يايمىلىرىنى نامايان قىلىپ،شىنجاڭدىكى مېۋە-چېۋىلەرنىڭخۇش ھىدى تارالغان پەسلىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.
شىنجاڭنىڭ تومۇز ياز پەسلى دەل مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تازا مەي باغلاپ پىشىدىغان مەزگىلى بولۇپ،بۇ يەردىكى شاپتۇللارنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك،سۇلۇق،بىر چىشلىسىڭىزلائاغزىڭىز شېرىن تەمگە تولىدۇ،بۇ يەردىكى ئۈزۈملەرنىڭ ئېتى قېلىن، شىرنىلىك،خۇددى تىزىق-تىزىقمارجانغىلا ئوخشايدۇ... بۇ يەردە خىلمۇخىلمېۋە-چېۋىلەرنىڭ ھەر خىل رەڭگى ئۆزئارا گىرەلىشىپ،شىنجاڭنىڭ ياز پەسلىنىڭ رەڭدار مېلودىيەسىنى ياڭراتقانىدى.
بۇ، تورداش «شىنجاڭخېمياۋ»نىڭنەزەرىدىكى شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە يايمىسى،ئاغزىڭىزغا سېرىق سۇ كەلدىمۇ؟
ئالتۇندەكساپسېرىق شاپتۇل، ياپيېشىل ئۈزۈم، قىپقىزىل گىلاس... «جيەنليەن شىڭشې» ئىسىملىك تورداش تارتىۋالغان كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە يايمىلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئۇ شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنىڭ تەمىنىڭ تاتلىق، باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىغاھەيران بولدى ۋەزوقلاندى. «ئۆرۈك، ئالۇچا، شاپتۇل، يەنە ھەر خىل رەڭدىكى ئۈزۈملەر،كۆپىنچىسىنىڭ بىر كىلوگرامى ئارانلابىر نەچچە يۈەن، شىنجاڭغا كېلىپ مېۋە-چېۋىلەرگە خالىغانچە ئېغىز تېگىڭ!»
قېنى، كېلىڭلار! تورداش «تەيياڭخۇا يىڭشيا» كۆپچىلىكنى باشلاپ شىنجاڭدىكى مېۋە-چېۋە يايمىلىرىغابېرىپشيايېدىنىڭ قۇم تاۋۇزى، قومۇلنىڭ تاتلىق قوغۇنىنى تېتىدى... ئېكراننىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇرۇپمېۋە-چېۋىلەرنىڭخۇش ھىدىنى پۇرىغاندەك بولدىڭىزمۇ؟
تورداش «شىنجاڭغا كېلىپلا كەتكۈم كەلمىدى» تارقاتقان«كۆزىڭىزنى چىمچىقلاتماڭ، شىنجاڭنىڭ 7-ئايدىكى مېۋە-چېۋە يايمىلىرى مانا مۇنداق» ناملىق سىن كۆرۈنۈش64 مىڭ تورداشنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى.
دىققەت بىلەن كۆرۈڭ، كۆزىڭىزنى ھەرگىز چىمچىقلاتماڭ!
ئىككى كۈندىن بېرى، تورداش «WS بيەنجېكۇاڭ» تارتقانشىنجاڭنىڭ 7-ئايدىكى مېۋە-چېۋە يايمىلىرىتوغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشپۈتۈن تورنىقاپلىدى، «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ مولمېۋە-چېۋەيايمىسى شىنجاڭدا،بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ پىكرى يوقتۇ؟قېنى، كېلىڭ، شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە يايمىلىرىنى ئايلىنىپ بېقىڭ، يەرلىك مېۋە-چېۋىلەر كۆزلىرىڭىزنى قاماشتۇرۇۋېتىدۇ» دېدى ئۇ تەرىپلەپ.
«ئېڭەك-چىراي تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى جاڭ لىتيەن» ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:ئىلگىرى شىنجاڭغا ساياھەتكە بارغانىدىم،ئۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە كۆكتات، مېۋە-چېۋىلىرىھەقىقەتەن ھەم ئەرزان ھەم تەملىك،يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى يەنە كۆرۈپ قالدىم، ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن.
تورداشلار تورغا چىقارغان شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە يايمىلىرىنى كۆرۈپ،ئېغىزىڭىزغا سېرىق سۇ كەلدىمۇ؟بۇ يازدا شىنجاڭغا كېلىپ،رەڭدار مېۋە-چېۋە زىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىڭ!
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى