ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە بارىدىغانلار دىققەت! سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى كۆل ئايلانما تاشيولىدا رايون ئارا سۈرئەت ئۆلچەش 7-ئاينىڭ 18-كۈنى قوزغىتىلىدۇ

日期:2022年07月14日
来源:天山网
【字体:

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يول قاتناش ھادىسىلىرىيۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر، يېشىل سەپەرگە چىقىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەنزىرە رايونىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپكۆل ئايلانما تاشيولىپۈتۈن مۇساپىلىك رايون ئاراسۈرئەت ئۆلچەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى، رايون ئارا سۈرئەت ئۆلچەش ئورنىدىن جەمئىي ئالتىسى بار بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىدە ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 70 كىلومېتىر بىلەن چەكلىنىدۇ، كەڭ ساياھەتچىلەرئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىپ، بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.رايونئارا سۈرئەت ئۆلچەش يول بۆلىكى تۆۋەندىكىچە:

ئېلان قىلىش مۇددىتى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە (2022-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت نۆلدە رەسمىي قوزغىتىلىدۇ). كەڭ ساياھەتچىلەرقاتناش قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بىخەتەر،مەدەنىي سەپەرگە چىقىشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى!

بورتالا ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى

2022-يىلى7-ئاينىڭ 11-كۈنى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى