7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر نىلقا ناھىيەسى تاڭبالى مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا سەيلە ـ ساياھەت، تاماشا قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نىلقا ناھىيەسى تاڭبالى مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. □جاڭ چىڭخۇا فوتوسى