بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ . سۇ مەنزىرىسى⑩ | كورلا ئاق قۇ دەرياسى: ئارالنىڭ مەنزىرىسى رەسىمدەك گۈزەل

日期:2022年07月04日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 2-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكىــــــ لىشياڭ كۆلى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

چۆ. خۇرە فوتوسى، خەۋىرى

تومۇز ياز پەسلىدە، كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى لايىھەلەپ ياسالغان ھەرقايسى سۈنئىي ئاراللار ئاق قۇ دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرى ئارىسىدا بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى كورلا شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆنچى دەرياسى، كاككۇك دەرياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇ تۈگۈنى، مەنزىرە رايونى جەنۇبتا كورلا شەھىرىنىڭ لىشياڭ كۆلىدىن باشلىنىپ، شىمالدا كورلا شەھىرىنىڭ شىر كۆۋرۈكىگىچە تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئون كىلومېتىر. ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 2400 مو، سۇ رايونى كۆلىمى 765 مو بولۇپ، كورلىدىكى ئىستىراھەت، ساياھەت، سەيلە قىلىشتىكى مۇھىم مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق شەھەر قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېشىللىق ئارقىلىق شەھەرگە «راھەتلىك بېغىشلاش»، سۇ ئارقىلىق شەھەرنى «ئوزۇقلاندۇرۇش»، مەدەنىيەت ئارقىلىق شەھەرنى «مەدەنىيلەشتۈرۈش»، كەسىپ ئارقىلىق شەھەرنى «گۈللەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر مۇھىتىنى تېخىمۇ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلتۈردى، فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، ئوبرازىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

6- ئاينىڭ 2- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى ــــــ قۇت ئارىلى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

  6- ئاينىڭ 2- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى ــــــ بەخت ئارىلى (سول تەرەپتىكىسى) ۋە تىنچلىق ئارىلى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

6- ئاينىڭ 2- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى سۈنئىي ئارال ــــــ ھەمراھ كۆۋرۈكى ئارىلى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

6-ئاينىڭ 2-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى سۈنئىي ئارال ــــــ جەنۇبىي كۆۋرۈك ئارىلى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

6-ئاينىڭ 2-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكىسۈنئىي ئارالــــــ ئامەت ئارىلى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى