جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون بولۇشقا قاراپ تېز ئاتلىنىمىز

日期:2022年06月30日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايوندىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يەتتە تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كەمتۈكلۈكلەر، يېتەرسىزلىكلەرنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پۇ شۆمېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمال ئېھتىياجىنى قوزغىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يىغىندا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر چىڭ كۆزلىنىپ ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىلى ئوبلاستى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لىنىيە خەرىتىسىگە ئاساسەن، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى. بىز ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مۇلازىمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز، بازارنى قولغا كەلتۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون بىر تۈركۈم ئېسىل مەنزىرە رايونى، ئىستىراھەت كوچا رايونى، ئىستىراھەت رايونى، قار - مۇز بايلىقى مول رايون قاتارلىق ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ياخشى باھا بېرىش نىسبىتى ۋە قايتا ساياھەت قىلىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز بايلىقى مول، 2021 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە قىش پەسلىدە جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 11 مىليون 961 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.19 ئاشتى. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: «يىغىن ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى، بىز <كېيىنكى قىشلىق ئولىمپىك> پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون چىقارغان ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، <قار گۈللىرى بېزىدى ئۇشبۇ جاھاننى، ئالتۇن كەبى ئۈچ خىل گۈل(قار گۈلى، سۇ گۈلى، تاغ گۈلى) بېيىتتى ئاۋامنى>دىن ئىبارەت كەسىپ ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنى دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز».

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشنىڭ <تېز سۈرئەتلىك يول>ىغا كىردى، كەلگۈسى ئىستىقبالى مۇقەررەر پارلاق.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن مۇنداق دېدى: يىغىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، قۇملۇق ساياھىتى، سانائەت ساياھىتى، ھاراق كارخانىلىرى ساياھىتى، خەلق ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، بىر كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ روناق تاپىدىغان كۆپەيتكۈچى ئېففېكت شەكىللەندۈرىدۇ.

قەشقەر ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتى ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرماقتا. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، قەشقەر ۋىلايىتى مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىگە ئىگە، «ساياھەت +» تەرەققىيات مەنزىلىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى قەشقەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولى، غۇلجا - موڭغۇلكۈرە تاشيولى، S101 لىنىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەنزىرە يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، قاتناش شارائىتىنىڭ سىجىل سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىدا قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتناش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش تارماقلىرى تاشيولنى «مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) تاشيول بىلەن تولۇق قاپلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولى بىلەن يېزا تاشيولى، ساياھەت مەنزىرە رايونى تاشيولىنى راۋان تۇتاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«يىغىن مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىز سەددىچىن سېپىلى بايلىقىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لو جۈەن.

«يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرساقلا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش، ئەسلىگە كېلىش ئىستىقبالىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ، بۇ قېتىمقى يىغىن بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى. بىز دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پائال بازار ئېچىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئۆزىمىزنى زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز» دېدى شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ گۇاڭپۇ.