​قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى قەشقەردە مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندى

日期:2022年06月30日
来源:天山网
【字体:

شىر ئۇسسۇلى، خەتتاتلىق، جىڭجۈ تىياتىرى، شىنجاڭ ئۇسسۇلى

​قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى قەشقەردە مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى تاڭ كەندۇڭ، يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: «قەشقەرگە كەلمىگەنلەر شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ!» 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكەت پائالىيىتى بولغان «تىيانشان سەپىرى» قەشقەر شەھىرى ۋە كوناشەھەر ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرى شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەتچىلەر كۆپ ئىدى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى قەدىمىي كوچىلاردا مېڭىپ، يول بويى مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ نەرسە سېتىۋالدى، ئارىلاپ - ئارىلاپ ساياھەتچىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشتى، ئىمزا قويۇپ بەردى. «گۈلىنىڭ ئائىلىسى»دىكى ئائىلە زىيارىتى نۇقتىسىدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش بويىچە قوش كىشىلىك تېيىلىش چېمپىيونى سۈي ۋېنجىڭ دوپپا كىيىپ، ئىشتىياق بىلەن شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئويناپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىدى، يەنە بالىلارغا قار تېيىلىش ياردەمچى سايمانلىرىنى سوۋغا قىلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە ئەرلەرنىڭ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى چېمپىيونى چى گۇاڭپۇ بالىلار بىلەن بىرلىكتە باش بىلەن توپ ئۈسسۈش ئويۇنى ئوينىغاندىن كېيىن، پۇتبولچى ئەكرەمنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرمەكچى بولساڭ، داۋاملىق غەيرەت قىلىشىڭ كېرەك!» دېدى، 11 ياشلىق پۇتبولچى مەمەت ئابدۇللا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش بويىچە قوش كىشىلىك مۇز تېيىلىش چېمپىيونى خەن سۇڭ بەرگەن سوۋغات «بىڭدۈندۈن»نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كېيىن مەن ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچى بولىمەن».

چۈشتە، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلدى، بۇ مەكتەپتىكى 17 ئۆسمۈر قالتىس شىر ئۇسسۇلى ئويۇنى ئارقىلىق ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، سۈي ۋېنجىڭ، خەن سۇڭ قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇلارنىڭ «ئەركەك شىر»لىرىنىڭ پىشانىسىگە تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان بەلگە سىزدى.

بۇ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق 2 - سىنىپىدىكى مەھەممەت ھۈسەنجاننىڭ شىر ئۇسسۇلىنى مەشىق قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغانىدى، بۇ يىل ئۇ ناھىيەدىكى شىر پادىشاھى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. مەھەممەت مۇنداق دېدى: «قەلبىمدىكى ئۈلگىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بۈگۈنكى شىر ئۇسسۇلى ئويۇنىنىڭ بىر يۈرۈش ھەرىكىتىنى مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزۈم تەييارلىدىم».

مەكتەپ چۈيى سەنئىتى دەرسخانىسىدا، داقا - دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، ئون نەچچە نەپەر «كىچىك گۈلى» جىڭجۈ تىياتىرى «شياۋ شياۋ خۇادەن»نى شوخلۇق بىلەن ئورۇنلىدى. قىلىۋالغان چىرايلىق گىرىمى، چاقناپ تۇرغان باش بېزەكلىرى، يەنە رەڭگارەڭ سەھنە كىيىملىرى ۋە كەشتىلەنگەن گۈللەر، بالىلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى.

«مېنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىرىغا ئويۇن قويۇپ بېرىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، بەك پەخىرلەندىم!» 5 - يىللىق 1 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ماھىرە مەمەتتۇرسۇن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن ياخشى كۆرىدىغان بۇنچە كۆپ ئۈلگىنى كۆرگەنلىكىمدىن بەك ھاياجانلاندىم، ئۆزۈمنىڭمۇ ئويۇننى ناھايىتى قالتىس ئورۇنلىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم».

خېڭ، شۇ، پيې، دىيەن، جې، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەتتاتلىق دەرسخانىسىغا كىرگىنىمىزدە، تامغا لىققىدە خەتتاتلىق، ئويما خەت ئەسەرلىرى ئېسىلغان ئىدى، سىياھنىڭ سۇس ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، نەپىس بېزەلگەن خەتتاتلىق دەرسخانىسىدا يېنىك كىلاسسىك مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇراتتى... ئوقۇغۇچىلار شۈەنزى قەغىزىگە قەلەم تەۋرىتىپ، خەتنى بىر سىزىق بىر سىزىقتىن، تەبىئىي، راۋان، قائىدە بويىچە يېزىۋاتاتتى، خەت شەكلى چىرايلىق بولۇپ، بالىلارچە قىزىقىش نامايان بولۇپ تۇراتتى.

بالىلارنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، خەن سۇڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلغانلىقىنى، قەشقەردىكى بالىلارنىڭ مۇشۇنداق ياخشى مۇھىتتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئىشىنىمەنكى، ئۇلار چوقۇم يېڭى دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەلگۈسىدە تۆھپە قوشۇپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ».