تەنتەربىيە + ساياھەت كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى

日期:2022年06月25日
来源:天山网
【字体:

ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 500دىن ئارتۇق يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى ماناس سۇلۇق يەر باغچىسىغا جەم بولدى؛ 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدا «چۆللۈك ساياھىتى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى» ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى؛ 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «قەدىمىي ئاھاڭدىكى كۈسەن، يىپەك يولىدىكى كۇچا» ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى كۇچادا ئۆتكۈزۈلدى؛ 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، 4 - نۆۋەتلىك نارات «ناراتلىقلار، ناراتتىكى ۋېلىسىپىتلەر، نارات تاغلىرى» شەكىل چىقىرىپ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئېگىزگە چىقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى بىلەن يۇلتۇز نۇرى مۇزىكا كېچىلىكى، دالىدا قونۇش پائالىيىتى قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلدى... ياز كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ ساياھىتىگىمۇ تۈرتكە بولدى. ھازىر بىر مەيدان تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتناشقاچ، شۇ جايدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا «جەزمەن بېرىش» نۇرغۇن تەنتەربىيە ھەۋەسكارىنىڭ ئەڭ مودا ساياھەت قىلىش شەكلىگە ئايلاندى.

«تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى، تەنتەربىيە چولپانلىرى ۋە ئالاقىدار تەنتەربىيە مەدەنىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا كۈچ ۋە ھۆسن قوشۇپ كەلدى. تەنتەربىيە + ساياھەت كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى سىياسەت، قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاۋ چېڭچياڭ.

نارات «ناراتلىقلار، ناراتتىكى ۋېلىسىپىتلەر، نارات تاغلىرى» شەكىل چىقىرىپ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئېگىزگە چىقىش مۇسابىقىسىدە بىر تۈردە چېمپىيون، بىر تۈردە ئىككىنچى بولغان ئۈرۈمچىلىك ئايال ماھىر جاڭ يۆ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر خىل يۈگۈرۈش ۋە ۋېلىسىپىت مۇسابىقىلىرىنىڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدىكى «دائىملىق مېھمان»دۇر. ھازىرقى كۆپ تۈرلۈك مۇسابىقە «توپ» ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەھۋالدا، ئۇ «كۆزى قىيمىغان» ھالدا پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى تاللىدى. 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىش ۋە يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈردە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى خېجىڭ دۇڭگۇي ئېكولوگىيە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «باركۆل كۆلىنى ئايلىنىش» تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىپ چۆرگۈلەش مۇسابىقىسى بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ھەربىر جاي بېرىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ، مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقە پۇرسىتىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىمەن» دېدى جاڭ يۆ.

«ساياھەتنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاممىغا يۈزلەنگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ يىل، بىز يۈگۈرۈش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسىدىن يەتتە مەيدان ئۆتكۈزدۇق. مۇسابىقىدە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ئارقىلىق، بىز ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، يېڭى ئىجادىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەنتەربىيە + ساياھەت مۇسابىقە ئىشلىرىنى تېخىمۇ قىزىقارلىق، پۇقرالارغا تېخىمۇ يېقىن قىلىشقا تىرىشىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ ئالقىشلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مارافونچە يۈگۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، ۋېلىسىپىت ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ جيەن.

تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى ساياھەت قىزغىنلىقىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم مەنزىرە رايونلىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىشنىمۇ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردا، تارىمنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، قۇمتاغ قۇملۇقى، دېڭىزدىكى موگۇيچېڭ، قومۇل قارا دۆۋە داخەيداۋ قاتارلىق كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ دالا ھەۋەسكارلىرىغا تونۇش بولۇپ كەتتى.

«بۈگۈنكى كۈندىكى تارىمنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنياغا شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى، ئىناق، گۈزەل بولغان جەمئىيەت تەرەققىيات مۇھىتىنى نامايان قىلدى. خۇەنتا شىركىتى مۇسابىقە ئىشلىرىنى مەۋقە قىلىپ، خۇەنتا ماركىسىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاتنىشىش تۇيغۇسى ۋە ھۇزۇرلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان مەيدان مۇسابىقىلىرى، يۈرۈشلۈك مۇسابىقىلەرنى بەرپا قىلىپ، ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى مەنزىلى ساياھىتىنى جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئەلچىسىگە ئايلىنىدۇ» دېدى شىنجاڭ خۇەنتا ئاپتوموبىل - موتوسىكلىت ھەرىكىتى كۇلۇبى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇ جىڭ مۇخبىرغا.

بۇنىڭدىن باشقا، سايرام كۆلى، نارات، قاناس، بوغدا كۆلى، بايىنبۇلاق، كۆكتوقاي، ئۈرۈمچى نەنسەن قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى كىلىمات جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇپ، يازدا ئىنتايىن سالقىن. بولۇپمۇ يازلىق تەتىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جاي تېمپېراتۇرا زىيادە يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن دالا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ماس كەلمىگەچكە، شىنجاڭدىكى بۇ گۆھەر زېمىنلار ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان «ئالتۇن كان»غا ئايلاندى.

«شىنجاڭنىڭ ئۆزلۈكىدىن سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن يۈگۈرۈش بايرىمى ۋە ۋېلىسىپىت بايرىمى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پەقەت پۈتۈن مەملىكەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە ئايرىلغان گۇرۇپپىلارنى مۇۋاپىق تەسىس قىلغاندىلا، بىرلا ۋاقىتتا مىڭلىغان ئاممىۋى ماھىرلارنى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە تامامەن ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ، مەيلى شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى ياكى تەنتەربىيە كەسپى ئۈچۈن بولسۇن، ھەممىسىدە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.» جاڭ جيەن كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئۈمىدكە تولغانىدى.