«ۋاڭخۇڭ» ئىدارە باشلىقلىرى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن «تورغا چىقاردى»

日期:2022年06月25日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

بۇ بىرنەچچە كۈندە، بىر مەيدان «يازلىق كۈن - تۈن توختاش، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارە باشلىقلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ <بىرلىشىپ> بىۋاسىتە كۆرسىتىش» نامىدىكى 15 سائەتلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى سىجىل جەلپ قىلدى. توغراقلىقتا ئات مىنىپ سەيلە قىلىش، ئالتۇن رەڭلىك قۇملۇقتا قالتىس دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەش، يېشىل، كەڭ ئوتلاقتا ئات چاپتۇرۇش، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالدىدا ئەركىن پاراڭلىشىش... شىنجاڭدىكى «ۋاڭخۇڭ» مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى باشلىقلىرى بەس - بەستە ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭ ساياھىتىنى قوللىدى.

«سىن ئىشلەش ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىم شايارنىڭ تونۇلۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شايارنى تونۇش، شايارنى ياقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر» دېدى شايار ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى رەناگۈل راخمان مۇخبىرغا. 2021 - يىلى 10 - ئايدا، «ئىدارە باشلىقى رەنانىڭ شايار ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق دوۋيىن نومۇرى تورغا چىقىرىلىپ، نۆۋەتتە 100گە يېقىن قىسقا سىن ئېلان قىلىندى، ئومۇمىي كۆرسىتىلىش مىقدارى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشتى، پۈتۈن توردىكى مەستانىلەر سانى 1 مىليوندىن ئاشتى.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئۇ ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ كۈندۈز ۋاقتى قانچىلىك ئۇزاق» ناملىق سىن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. نۇرغۇن تورداش سۆز قالدۇرۇپ، بۇ يىل شىنجاڭغا كېلىپ، شايار ناھىيەسىگە بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. «يەنە نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخسلەر شايار ناھىيەسى ساياھىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش سىياسىتىدىن مەسلىھەت سورىدى، بۇ مېنى ناھايىتى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى» دېدى رەناگۈل.

«خوتەننى ئوزۇقلاندۇرۇش» ناملىق دوۋيىن نومۇرىدا، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنگۈل مەتتوختى خوتەننى ئوخشىمىغان شەكىلدە تونۇشتۇردى. تورداشلار ئۇنىڭ بايانى ئارقىلىق ئەتلەس، خوتەن قاشتېشىنى بىلدى. دوۋيىن نومۇرى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئۇ ئېلان قىلغان بەش سان سىننىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى 300 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى. «شەكلى كۆپ خىل، تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر قاتار مەدەنىيەت - ساياھەت نادىر سىنلىرىنى ئىشلەپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت IPسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خوتەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش بىزنىڭ نىشانىمىز» دېدى تۇرسۇنگۈل.

داتۇڭ يېزىسىدىكى ئۆرۈك چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلغان سىن كۆرۈنۈشى كەڭ تورداشلارغا غالىب ھاكىمخاننى تونۇتتى، شۇنداقلا تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنى تونۇتتى. بۇ ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توردا داڭقى چىققاندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «ناھىيەمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى ياخشى، لېكىن كېلىپ باقمىغانلار بىلمەيدۇ. سىن ئارقىلىق ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىش مېنىڭ <ۋاڭخۇڭ> بولۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىم» دېدى غالىب. بۇلتۇر سىن نومۇرى ئېچىلغاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، غالىبنىڭ مەستانىلىرى 1 مىليوندىن ئاشتى، نۇرغۇن ساياھەتچى مەخسۇس پامىر ئېگىزلىكىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى، ئۇ سۆزلىگەن ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلدى.

چاغانتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياڭ سەيشيا بۇ يىل 4 - ئايدا قىسقا سىن ئىشلەشكە باشلاپ، «چاغانتوقاي تاغ گۈلى سىز ئۈچۈن ئېچىلىدۇ» ناملىق دوۋيىن نومۇرىدا «ئۆزگىرىپ ياسىنىش ماھارىتى كۆرسىتىش» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، ساياھەتچى نۇقتىسىدىن شۇ جاينىڭ ساياھەت بايلىقىنى تەۋسىيە قىلىپ، تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. يېقىندا چاغانتوقاي ناھىيەسىنى ساياھەت قىلغان ئادەم قېتىم سانى ۋە ساياھەت كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بولۇپمۇ بۇ يىل چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ تاغ گۈلى بايرىمىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئېشىپ كەتتى. «بىز ۋاڭخۇڭ ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ، توردىكى <ئېقىم مىقدارى>نى رېئاللىقتىكى <ساياھەتچىلەر ئېقىمى>غا ئايلاندۇرۇپ، چاغانتوقاي ساياھىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ياڭ سەيشيا.

«دوۋيىن نومۇرى <تاڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ موڭغۇلكۈرە ھەققىدە ئېيتقانلىرى>نى موڭغۇلكۈرە ساياھەت قامۇسى قىلىپ يارىتىپ، ئۇ ئارقىلىق موڭغۇلكۈرەنى تەشۋىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى ساياھەتچىلەرنىڭ قولىدىكى ساياھەت قوللانمىسىغا ئايلاندۇرىمىز.» موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ گاڭ مۇنداق قارىدى: ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ساياھەت لىنىيەسى تۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئالاقە تورىدا پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارە باشلىقىدىن 25 كىشى بار ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك قىسقا سىن ئىشلىگۈچى ئون كىشىگە «شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرغۇچى» گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرگەن ھەم ئۆلچەملەشكەن ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتقان. بۇنىڭدىن كېيىن، تونۇشتۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە نەزەرى بىلەن، ساياھەت، ئادىمىيەت، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن دۇنياغا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، چىنلىقى، كۆپ خىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدىكەن.