يېزا-كەنت چوڭ سەھنىسى | سىزنى يايلاقتىكى چارۋىچىلار بايرىمىغا باشلاپ باراي، بۇ يەردە يېقىملىق ناخشا-ئۇسسۇل ۋە قايناق ئات بەيگىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايسىز

日期:2022年06月22日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق بازىرىنىڭ دۆربىلجىن چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن چارۋىچىلار سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى مول يايلاقتا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ چارۋىچىلار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى. پائالىيەت كوللېكتىپ ئۇسسۇل «تېس دەرياسىغا مەدھىيە» بىلەن باشلىنىپ، دۇڭگۇي ئۇلانمۇچىر ئەترىتىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى ئارقىلىق چارۋىچىلارنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تۇرمۇش ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلدى.

ئويۇن قويغان نەق مەيداننىڭپۈتۈن كۆرۈنۈشى.

ئات باشلىق غېجەك چېلىش.

ئۇزۇن كۈي «بىپايان يىجىلىسەي» نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چارۋىچىلار بايرىمىدىكى ئەڭ مۇھىم نومۇر ئات بەيگىسى باشلاندى. بۇيرۇق تاپانچىسى ئېتىلىشى بىلەنلا، بەيگە ئاتلىرى ئۇچقاندەك چاپتى، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە چەۋەندازلار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.