ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى سىزنى كۈتمەكتە!

日期:2022年06月22日
来源:天山网
【字体:

6-ئاي،شىنجاڭدا گۈللەر ئېچىلىدىغان پەسىل، ئىلىدىكى 10 مىڭ مو ئۈستىقۇددۇسمۇ بۇ پەسىلدە ئۆز قەرەلىدە ئېچىلدى. سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى بۇ يەرنىرومانتىك تۇيغۇلارغاتولدۇردى.

«كۈرە قەدىمىي شەھىرى . خۇش پۇراققا تولغان قورغاس» 2022-يىللىق ئىلى . خەلقئارا ساياھەت جىلغىسىقورغاس 11-نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ جەندې مەيدانىدا باشلاندى، بۇ پائالىيەت6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچەئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ.

ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، قورغاس ناھىيەسى كۈرە قەدىمىي شەھىرى كۆرۈنۈشلۈك تىياتىرى، تۇكە قۇملۇقى سۇ ئۈستى ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى، تەبىئىي ئوكسىگېنخانا فۇشوۋشەندە 6-نۆۋەتلىك خەلق ئىچى مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنى كۆرۈش، ئۈستىقۇددۇس كەسپى باشلىقلار مۇنبىرى، يايلاقتىكى تۆگە بەيگىسى قاتارلىق سەر خىلساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇھەم ئايرىم-ئايرىم ھالداجەزمەن بېرىشقا ئەرزىيدىغانخۇش پۇراق ئىزدەش سەپىرى، تەتقىقات-ئۆگىنىش سەپىرى، قايناق ھېسسىيات ساياھىتىدىن ئىبارەتساياھەت مەنزىرە رايونى + ئائىلىۋى مېھمانخانىنى ھېس قىلىش + تۈرلەردىكى جەزمەن بارىدىغان جاي+ خاس مەززىلىك تائاملارئاساس قىلىنغان ئېسىلساياھەتلىنىيەسىدىن ئۈچنى يولغا قويىدۇ،ئۈچ ساياھەت ئېسىل لىنىيەسى كۈرە قەدىمىي شەھىرى، جۇڭخۇا فۇشوۋشەن، تۇكە قۇملۇقى، نۇڭساڭيۈەن، جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس باغچىسى، جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ساياھەت بايرىمى باشلانغاندىن تارتىپ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، كۈرە قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، جۇڭخۇا فۇشوۋشەن مەنزىرە رايونى، تۇكە قۇملۇقى مەنزىرە رايونى، جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس باغچىسى مەنزىرە رايونى، يىپەك يولى نۇڭساڭيۈەن مەنزىرە رايونى، گوزىگوۋ-سايرام كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلاردىمۇ بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ.

قورغاس ناھىيەسى ئۈستىقۇددۇس مۇزېيى.

سۈرەت مەنبەسى: قورغاس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

كېلىڭ، سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ،ياز كۈنىدىكى ئۇچرىشىشقا بىللە بارايلى.